首页 · 鸽闻 · 公棚 · 协会 · 俱乐部 · 商城 · 论坛 · 鸽问 · 拍鸽 · 分类 · 鸽业 · 寻鸽 · 播客 · 鸽舍 · APP · 会员区
中国信鸽信息网
中信网
在线铭鸽展售
鸽具用品展售

绿缘国际赛鸽公棚2019首届(维文版)章程


2019-2-16 12:40:51 新疆绿缘鹏展国际赛鸽养殖中心   分享

شىنجاڭ لۈيۈەن پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىي

 2019- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۈز پەسىللىك مۇسابىقە قائىدىسى

ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون 500 مىڭ

مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر تەكلىماكانغا چەڭ ئېلان قىلىپ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇسابىقە لىيىنىسىدە شىنجاڭ لۈيۈەن پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىي  تۇنجى سەھىپىنى يارتىش ئۈچۈن  يۇقىرى مائاش بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ترېنېر جاڭ مىڭشېڭنى  تەكلىپ قىلدى. 

 

ترېنېرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى :

 2016 - يىلى جېجياڭ خاڭجۇ پەرۋاز ئامىيۋى كاتەكتە تېرىنىرلىق قىلغان.

2017- يىلى گۇاڭدۇڭ شىن ياڭ ئامىيۋى كاتەكتە تېرىنىرلىق قىلغان .

2018- يىلى ( باھار ) ئالتۇن قىرغاق ئەتىيازلىق ئامىيۋى كاتەكتە تېرىنىرلىق قىلغان.

2018- يىلى ( كۈز )گۇيجۇدىكى گۇيياڭ تيەنشى ئامىيۋى كاتەكتە تېرىنىرلىق قىلغان.

 ئامىيۋى كەپتەرخانا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان نوپۇزلۇق مال دوختۇرى، دورىگەر : ياڭ جېنيى.

كەپتەرخانا شۇنداق ۋەدە بېردۇكى:مەيلى قانچىلىك كەپتەر يىغلىشتىن قەتتىي نەزەر مۇكاپات سومىسى ئۆزگەرمەيدۇ،مۇسابىقە قائىدىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئامىيۋى كەپتەرخانا خادىملىرى مۇسابىقە كەپتىرىنى تاپشۇرۇشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ ،   ئامىيۋى كەپتەرخانىمىز  كەڭەشمە كەپتەرنى ئېلىشىنى قەتئي رەت قىلىدۇ .

1.ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن : شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيىسى لۈيۈەن پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىي.

2.بېجىرگۈچى ئورۇنلار : شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيىسى پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىي.

3.مۇسابىقىنى نازارت قىلغان ئورۇن : ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە كەڭ كەپتەرچى دوستلار .

 

بىرىنچى  مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتى

1. بۇ قائىدىنى  ئېتىراپ قىلغان مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى قاتناشسا بولىدۇ،مۇسابىقىدە ھەقىقىي ئىسىمنى تىزىملاش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ . قاتنىشىدىغان كەپتەرنى تاپشۇرغان ۋاقىتتا مـۇسـابـىـقـىـگــە قاتناشقۇچى ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى(كىملىك) بويىچە تولدۇرۇشى لازىم.(مەسلەن 1.ئىسىم-فامىلىسى،2.***كەپتەر كاتىكى+ئىسىم فامىلىسى) مۇكاپاتنى كىملىك ياكى پۇل ئۇرغان ئىسپات تالۇنى ئارقىلىق ئالىدۇ.

2.مۇسابىقە كەپتىرى بىردەك2019 -يىللق دۆلەت پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بىر تۇتاش تارقاتقان  ھالقا  سېلىنىشى  كېرەك .

3.مۇسابىقىگە كەپتىرى چوقۇم 30كۇندىن60 كۇنگىچە ساغلام  كەپتەر بولىشى كېرەك،  كېسەل تارقالغان رايۇنلاردىن كەپتەر  بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ ( توغرا چۈشىنىڭ ! ) .

4.ئامىيۋى كەپتەرخانا بىر تۇتاش مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر ۋاكسىنا ئەمىنلەيدۇ ، ئەگەر كەپتەرئىگىسى ئۆزى ۋاكسىنا ئەمىنلىگەن بولسا  كەپتەرنى تاپشۇرۇشغان ۋاقتىدا ئەھۋالننى ئېنىق ئەسكەرتىش كېرەك .

5. بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدا تەلەيلىك ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسى چوقۇم  كەپتەرنى تاپشۇرۇپ 10 كۈن ئىچىدە 1600 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشى  كېرەك، ئەگەر كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا ،  كەپتەرچى تەلەيلىك ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇسابىقە سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ . 60 كىلومېتىر يوقلاپ كۆرۈشتىن كىيىن كاپالەت پۇلى ئاپتوماتىك ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىگە ئۆزگىرىدۇ ، ئەگەر كەپتەر مۇسابىقىدە پۈتۈنلەي يوقاپ كەتسە، كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىلدۇ.  

 

ئەسكەرتىش : ھەقسىز  ئاپتۇمىبىل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرتى ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر سانى 1دىن 5 گىچە بولسا، 1 كەپتەر ھەقسىز دەپ بېكىتىلىدۇ. 5 دىن ئارتۇق بولسا ھەر 5 كەپتەردىن 1كەپتەر ھەقسىز دەپ بېكىتىلىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە سۈرلۇپ ماڭىدۇ.

 

 

 

ئىككىنچى  مۇسابىقە تۈرلىرى

 ھەقسىز تەلەيلىك ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ، يەككە ئۆتكەل مۇسابىقىسى ، كولىكتىپ مۇسابىقە، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ،ئاپتوموبىل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى،  قوشما ئوتكەل مۇسابىقىسى

ئورىنى

ۋاقىت

تۈرى

11-تۇەن قۇملۇق دەرۋازىسى

2019-يىل10-ئاينىڭ ئاخىرى

بىرىنچى ئۆتكەل ( 150 كىلومېتىر )

ئوتتۇرا تارىم

2019-يىل11-ئاينىڭ بېشى

ئىككىنچى ئۆتكەل ( 300 كىلومېتىر )

چەرچەن

2019-يىل11-ئاينىڭ ئوتتۇرى

ئۈچنىچى ئۆتكەل ( 500 كىلومېتىر )

 

ئۈچىنچى  مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىي،كەپتەرنى يىغىش ۋاقىتى ۋە ئورنى

1.مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىي 1400 يۈەن ( يەم - خەشەك چىقىمى 200 يۈەن، جەمئىي قوشۇپ  ھەر بىر كەپتەرگە 1600 يۈەن ئېلىنىدۇ .

2. 60 كېلومىتېردا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن رېپىرلار گورۇپىسى كەپتەرلەرنى بىرمۇ-بىر سىكانىرلاپ،ئۇرۇپ چىقىرىپ،قۇيۇپ بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،كەپتەر ئۇۋۇغا قايتقاندىن كىيىن كەپتەرچىلەر قولىغا ئېلىپ كۆرىدۇ.ئون كۈن ئىچىدە كاتەك قالدۇقىغا ئاساسەن  ھەر بىر كەپتەرچى ئۆز نامىدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ھەربىر كەپتەرنىڭ1600 يۈەننى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇشى كېرەك ، كېچىكىپ قايتقان كەپتەرلەرنىڭ قاتنىشىش ھەقىنى ئامىيۋى كاتەك  كەپتەر ئىگىلىرىگە ۋاقتىداتولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇردۇ.ھەق ئېلىش قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىدۇ.  مۆھلەت ئۆتكۈچە تاپشۇرمىسا ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ  مۇسابىقگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئامىيۋى كاتەك ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ .

3.  60 كىلومېتىرلىق كەپتەر مەشقىدە ( ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كەپتەر مەشقى 120 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولمايدۇ ) ، ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى رېپىرلىرىى ۋە كەپتەرچى دوسلار ۋەكىللىرى پۈتۈن مەشىق جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرچى دوسلارنىڭ ھەر ۋاقىت قەدەم تەشرىپ قىلىپ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز .

4.بىرىنچى ئۆتكەل (150 كىلومېتىر ) مۇسابىقە قەپىسىگە چىقمىغان كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1400 يۈەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ .

5. كەپتەر يىغىش ۋاقتى : 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە( ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئارام ئالمايدۇ ).

6. كەپتەر يىغىش ئورنى : شىنجاڭ ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسى پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى باقمىچىلىق مەركىزى .

7.سىرتتىكى كەپتەرچى دوسلار مۇسابىقىگە كەپتىرىنى ئەۋەتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ياكى ئاقسۇدىكى ھەر قايسى ئاپتوموبىل بېكىتى، ۋوگزالغا ھاۋالىلىك تۇشۇتسا بولىدۇ ،  لېكىن چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن مەزكۇر ئامىيۋى كاتەك بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىش لازىم.

 

 

تۆتىنچى مۇكاپات سوممىسىنى تەقسىم قىلىش ۋە  دەرىجە رەت تەرتىپى

1. 150 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇق دەرۋازىسى تەلەيلىك ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇسابىقە  ئېلىپ بېرىلدىغان ئورۇن مەشىقنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسى،ئۈچ خىل ئالاھىدە تەلەي دەرىجىسى بېكىتىلدى 6چى، 66چى، 666چى ( ئۈچ دانە ۋۇلىڭ جىگۇاڭ مەشقى ئاپتوموبىلى ) جەمئىي 100 مىڭ يۈەن .

2. 300 كىلومېتىرلىق تەييارلىق مۇسابىقىسىدە  100 دەرىجە بېرىلىدۇ( ئالدىنقى 10 نەپەرگە نەپىس مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ).

چېمپىيون : 10000 يۈەن

ئىككىنچى : 5000 يۈەن

ئۈچىنچى : 3000 يۈەن

4-100چى بولغان ھەر بىرىگە 1000يۈەن

3. 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، 600 دەرىجە بېرىلىدۇ ( ئالدىنقى 10 نەپەرگە نەپىس مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ ) .

چېمپىيون : 150000 يۈەن

ئىككىنچى : 100000 يۈەن

ئۈچىنچى 50000 يۈەن

10-4چى بولغانلارنىڭ ھەر بىرگە : 20000  يۈەن

500-11چى بولغانلارنىڭ ھەر بىرگە : 8000 يۈەن

600-501چى بولغانلارنىڭ ھەر بىرگە : 5000 يۈەن

( ئەسكەرتىش : 501-600بولغانلارغا ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان 100دانە   5000يۈەن كېلەر يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش كارتىسى بېرىلىدۇ ،   جەمئىي 160000يۈەن )

كوللېكتىپ مۇسابىقە:  بىر كەپتەرچى  تاپشۇرغان5 دانە كەپتەر  كوللېكتىپ مۇسابىقە سالاھىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ . 5 كەپتەردىن كۆپ بولغانلارنى ئا، ب ،س دەپ گۇرۇپلىنىدۇ.  60 كىلومېتىر كەپتەر مەشقى قىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە گۇرۇپقا ئايرىلىدۇ، كوللىكتىپ مۇسابىقە سالاھىيىتى ھازىرلىغان كەپتەرچى ئامىۋىي كاتەكە فاكس ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق گۇرۇپلاش شەكىلنى ئۇقتۇردۇ، ئامىۋىي كاتەك قايتۇرغان ئۇچۇر ئۆلچەم قىلىنىدۇ ؛ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى  كومپيۇتېردا  رەتكە تىزىپ گۇرۇپلايدۇ ، ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ .ئالدىنقى 30 دەرىجىگە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ( ئالدىنقى 10ندەرىجىگە نەپىس مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ)كوللېكتىپ مۇسابىقىگە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە ئاندىنقى 600دەرىجىگە كىرگەن كەپتەر سانى كۆپ بولغۇچى ئاساس قىلىنىدۇ،( 2 دىن ئارتۇق كەپتەرى كىركەنلەرنىڭ سالاھىتى بولىدۇ) ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا كەپتەر دەرىجە تەرتىپى ئالدىنقىسى  ئاساس قىلىنىدۇ .

چىمپىيۇن 40000  يۈەن

ئىككىنچى 30000  يۈەن

ئۈچىنچى  20000  يۈەن

4دىن 30غىچە ھەر بىرىگە : 5000 يۈەن

قوش ئۆتكەل كەپتەر شاھى :5كەپتەرگە دەرىجە بېرىلىدۇ ( ئالدىنقى 5 كە نەپىس لوڭقا تارقىتىلدۇ ) ، قوش ئۆتكەل نامزاتى ئالدىدانومۇرى كىچىك  بولغانلا تاللىنىدۇ،نامزات ئالدىدا نومۇرى ئوخشاش بولغانلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نامزاتى ئالدىنقىسى تاللىنىدۇ.

چىمپىيۇن 10000 يۈەن

ئىككىنچى 10000 يۈەن

ئۈچىنچى  10000 يۈەن

4دىن 5غىچە  ھەر بىرىگە : 5000 يۈەن

بەشىنچى مۇسابىقە، مەشىق ۋە باشقۇرۇش چارىسى

1.جۇڭگو پۇچتا كەپتىرى جەمئىيىتى  ( 2015 )تارقاتقان « جۇڭگو پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى » ۋە « ئامىيۋى كاتاك باشقۇرۇش پىرىنسىپى »نى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

2 مۇسابىقە كەپتىرى ئامىيۋى كاتەككە كىرگۈزگەندىن كېيىن  ئېلېكتىرونلۇق  ھالقا سېلىنىدۇ ،ئەگەر  2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20كۇنىدىن بۇرۇن كەپتەر كىسەل بولۇش،ئۈلۈش ،  يوقاش  قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاممىۋى كاتەك ۋاقتىدا تولۇقلاپ تاپشۇرۇشىنى ئۇقتۇردۇ

2. 9-ئاينىڭ ئوتتۇردىن باشلاپ  يول مەشىقى باشلىنىدۇ ، بېقىش مەشىق  مەزگىلىدە كىسەل بولۇپ ئۈلۈپ ، يۈتۈپ ،تەبىئىي شاللانسا ئامىيۋى كاتەك تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،  0دىن 120كىلومىتېرغىچە بولغان مەشىق 10- 15 قېتىمدىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئامىيۋى كاتەك كەپتەر يىغىش، كەپتەر مەشىقى مەزگىلىدە ئەمەلىي كەپتەر سانىنى كەپتەرچى دوسلارغا ئۈندىدار ۋە كۆرۈنمە چاستوتىدا نەق مەيدانداىن خەۋەر بېرىدۇ
4.ھەر ئۆتكەل مۇسابىقىدىن  كېيىن ، مۇسابىقە كەپتىرى نورمال ئائىلە مەشىقى  ۋە يول مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئۇچۇپ يوقاپ كەتسە ئامىيۋى كاتاك تۆلەپ بەرمەيدۇ .

3. 5.مەزكۇر  ئامىيۋى كاتەك  قۇشۇلما ئوتكەل مۇسابىقىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەر 1200 دىن ئارتۇق ( مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر بۇنىڭ سىرتىدا ) بولسا، قۇشۇلما ئوتكەل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ، بارلىق ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ .

4. قۇشۇلما ئوتكەل مۇسابىقىسى كەپتەرچى دوسلار  ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەق تاپشۇرۇش پىرىنسىپىنى  قوللىنىدۇ. قۇشۇلما ئوتكەل مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ھەق تاپشۇرمىسا ، پەقەت دەرىجە تەرتىپى ھېسابلىنىدۇ  مۇكاپاتلانمايدۇ ، لېكىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇلدۇ ، كىيىنكىسىنىڭ مۇكاپات دەرىجىسى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ .كونكرېت قايىدىسى  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن  تەپسىلىي ئېلان قىلىنىدۇ. كەپتەرنىڭ ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن  نورمال  ئائىلە مەشىقى قىلدۇرىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئەگەر يۈتۈپ كەتسە ئامىيۋى كاتەك ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .

5. 6.مۇسابىقە كەپتىرى ئامىيۋى كاتەككە كىرگۈزگەندىن كېيىن مۇشۇ قائىدىنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ، مۇسابىقە تالاش-تارتىش ماجىراسى كۆرۈلسە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى كېسىم ھەيئىتى كېسىم قىلىدۇ ، بىرىنچى كېسىم ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ .

6. 7.مۇسابىقىگە كەپتىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن    ئامىيۋى كاتەك نوپۇزلۇق مال دوختۇرى ، ئالىي دەرىجىلىك جانلىقلار ئىنژېنېر ياڭ جېنيى ئەپەندىنى قەرەللىك ئالدىنى ئېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى.

7. 8.باراۋەرلىك،ئادىللىق، ئۇچۇق ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن كەپتەرچى دوسلارنىڭ مەشىق، مۇسابىقە ۋاقتىدا ئامىيۋى كاتەككە كىلىپ نازارەت قىلىشنى  قۇبۇل قىلىدۇ،ياتاق-تاماقنى ئامىيۋى كاتەك ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

8. 9 .مۇسابىقىدە ماس كەلمەيدىغان ھاۋا رايى ياكى ئالاھىدە ئەھۋالغا يۇلۇققاندا  مۇسابىقە ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ ياكى قايتا بېكىتىلىدۇ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاممىۋى كاتەك ئالاقە تورى ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇدۇ .

 

9. 10.قانۇن مەسلىھەتچىسى : ليۇ روڭ (ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى )

10. قانۇن مەسلىھەتچىلىك ئورۇن : شىنجاڭ مىڭ شۈن ئادۋۇكاتلار  ئىش بىجىرىش ئورنى .

 

ئالتىنچى ئالاقىلىشىش تېلفۇنى، پۇل پېرېۋوت ئۇسۇلى

 

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :

ئاممىۋىي كاتەك تېلېفونى :2355055- 0997

فاكىس نومۇرى :    2356006-0997  

 كەپتەرنى ئېلىش  تېلېفونى :19999731777   19999730333

ئاممىۋىي كاتەك ئادرېسى : شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيىسى جام بازىرى  جامقوتان مەھەللىسى

پوچتا نومۇرى :843100

جامائەت بانكا ھېساب ئېچىش ئۇچۇرى

 

中国农业银行 

6228483658753754573              姓名:王齐东

中国邮政储蓄

6217998800019689208              姓名:王齐东

中国农村信用社

6212872091155476                 姓名:王齐东

 

بانكا ئارقىلىق پۇل پېرېۋوت قىلغاندا ، كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ، تېلفون نومۇرى،كەپتەر سانى، سوممىسى قوشۇپ ، فاكس ، ئۈندىدار ( رەڭلىك ئۇچۇر )  ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامىيۋى كاتەككە خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك .

 

يەتتىنچى كىمئارتۇق  ۋە ئىگدارچىلىق

 

1.مۇسابىقە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېتىراپ قىلغان ئېلېكترونلۇق تەسۋىر يېيىپ ۋاقىت ھېسابلاپ دەرىجە تۇرۇغۇزۇشنى  ئاساس قىلىدۇ .

ئەگەر ئېلېكترونلۇق ۋاقىت  ھېسابلاش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مۇسابىقە كەپتىرى تېخى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلمىگەن ئەھۋالدا  مۇسابىقە ئاخىرىلىشىدۇ، مۇكاپات پۇلىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قەپەسدىكى كەپتەرگە تەڭ بۆلۈنىدۇ؛

2. كەپتەر ئۇۋۇسقا قايتىش جەريانىدا ئېلېكترونلۇق تەسۋىر يېيىش سىستېمىسىدىن كاشىلا كۆرۈلسە ، كاشىلىدىن بۇرۇن  نامزاتقا كىرگەن كەپتەرلەر  نەتىنجىسى بويىچە مۇكاپات نەقلەشتۇرلدۇ ،  ئېشىپ قالغان مۇكاپات كاشىلا كۆرۈلگەندىن كېيىن بېكىتىلگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ .

2.تەيارلىق مۇسابىقە: مۇسابىقە  كۈنى ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەر بولمىسا مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ . مۇكاپات قەپەزگە چىققان  كەپتەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتىقان كەپتەر سانى مۇسابىقە قائىدىسىدە تەسىس قىلىنغان نامزاتقا يەتمىسە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ . نامزارتقا كىرگەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلىدۇ. ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ،نامزاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.(كولىكتىپ مۇكاپات بۇنىڭ سىرتىدا)

3. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە : ( تامغا بېسىلىپ مەخپىي نومۇر چاپلىقى چاپلىنىدۇ ) ئەگەر شۇ كۈنى قايتىپ كەلگەن كەپتەر بولمىسا مۇسابىقە ئاخىرلاشىدۇ، مۇكاپات قەپەزگە چىققان  كەپتەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتىقان كەپتەر سانى مۇسابىقە قائىدىسىدە تەسىس قىلىنغان نامزاتقا يەتمىسە ئىككىنچى كۇنى كۇن ئولتۇرغاندىن كىيىن يەنە بىر سائەت ئۇزارتىلدۇ،ئىككى كۈندە تەسىس قىلىنغان نامزاتقا يەتمىسە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ،نامزاتقا كىرگەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلىدۇ،ئېشىپ قالغان مۇكاپات قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملەپ بېرىلىدۇ،نامزاتقا كىرگەن كەپتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،(كولىكتىپ مۇكاپات بۇنىڭ سىرتىدا)؛قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ مەخپى نومۇر چاپلىقى مۇكەممەل بولسا نەتىنجىسى ئىتىراپ قىلىنىدۇ؛ئەگەر مەخپىي نومۇر چاپلىقى ئېچىلغان ياكى بۇزۇلغان بولسا بۇ كەپتەرنىڭ نەتجىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ،شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە كىيىنكى كەپتەرنىڭ نامزاتى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.

4.كەپتەر يىغىشتىن باشلاپ مۇسابىقە باشلانغۇچە ئەگەر تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىپ مۇسابىقە ئېلىپ بارغىلى بولمىسا ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ . ئامىيۋى كەپتەرخانىمىز بېقىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ ،  كەپتەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ .

5.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات سومىسى ۋە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن شەكىلەنگەن تاپاۋەت باجنى  مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ئىگىسى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

.6 مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن  نەتىجىگە ئېرىشكەن ئالدىنقى 600 دانە كەپتەر كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىلىدۇ . كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تاپاۋىتىنىڭ % 60 كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە ، % 30 تى لاپىسقا ، % 10 ى تەشكىللەش خىراجىتى بولىدۇ ، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن نامزاتقا كىرگەن ئالدىنقى 600 دانە كەپتەرنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ . كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كىرىمىنىڭ % 60 تى كەپتەر ئىگىسىگە ، % 30 تى ئامميۋى كاتەككە تەۋە، % 10 تى تەشكىللەش خىراجىتى قىلىنىدۇ ،كىمئارتۇقتا سېتىلمىغان كەپتەرنىڭ ئىگىسى كىمئارتۇقتىكى ئەڭ تۆۋەن باھانىڭ % 40 تىنى تۆلەپ كەپتەرنى ئىگىسى قايتۇرۇپ كېتىدۇ.نامزاتقا ئېرشەلمىگەن كەپتەرنى ئاممىۋىي كاتەك ھەقسىز ئېلىپ كېتىشكە ئۇقتۇرىدۇ،كىمئارتۇق سودىسى تۈگىگەندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى كەپتەرنى ئالغىلى كەلمىسە كەپتەر ئىگدارچىلىقىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىپ ، بېجىرگۈچى ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ.باشقا جايلاردىكى كەپتەرچى دوسلارنىڭ كەپتىرىنى ئاممىيۋى كاتەك ئەۋەتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ ،كىرا ھەققىنى كەپتەر ئىگىسى ئۆزى تۆلەيدۇ، لېكىن كەپتەرچى دوسلار ئاممىۋى كاتەك بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك. ( ئەسكەرتىش :ئەگەر تۇشۇش ،يۆتكەش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە ئاممىۋى كاتەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ) .

 7.بۇ قائىدىنىڭ بارلىق چۈشەندۇرش ھۇقۇقى پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىدە.

 

 ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى قائىدىسى

 1 .300كىلومىتىرلىق ئاپتۇموبىل مۇسابىقىسىدە 180000 يۈەن قىمىتىدىكى مازىدا (ئەكس تۆت ،2.5 لىتىرلىق )  تىپلىق   ماشنا تەسەس قىلنىغان بولۇپ  قاتنىشىش ھەققى    ھەر بىر  كەپتەر ئۈچۈن 2000 يۈەن ،

ھەر 100دىن بىر نامزات تالىنىدۇ ، ئەگەر 100 كەپتەردىن ئارتۇق 200 كەپتەرگە يەتمىسە ئىككى نامزات تالىنىدۇ، چىمپىيۇن بولغۇچىغا مازدا ئاپتوموبىل، ئىككىنچى بولغۇچىغا قالغان مۇكاپات سومىسىنىڭ  %90 تى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ .كەپتەر سانى 100 گە يەتمىسە،چىمپىيۇنغا يىغىلغان ئومۇمىي مۇكاپات سومىسىنىڭ 90%تى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

3. 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە  ( يول يولۋاسى قۇتۇپ نۇرى )ماركىلىق 400000 يۈەن قىمىتىدىكى ماشنا تەسىس قىلىنىغان بولۇپ  ھەر بىر كەپتەرنىڭ قاتنىشىش ھەققىي 3000 يۈەن ،   ھەر 150 كەپتەردىن  بىرى نامزات تالىنىدۇ ، ئەگەر كەپتەر سانى 150 دىن ئارتۇق 300 گە يەتمىسە ئىككى نامزات تالىنىدۇ، چىمپىيۇنغا  يول يولۋاس قۇتۇپ نۇرى ماركىلىق  ئاپتوموبىل ، ئىككىنچى بولغۇچىغا قالغان پۇلنىڭ % 90 تى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ ، . كەپتەر سانى 150 كە يەتمىسە ، چىمپىيۇنغا يىغىلغان ئومۇمىي مۇكاپات سومىسىنىڭ 90%تى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

3.ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىدىكى نەتىجە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەتىنجىسىنى ئاساس قىلىدۇ ، ئالدىدىكىسى غەلىبە قىلغان بولىدۇ . 150 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇق دەرۋازىسى تەلەيلىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە 300كېلومىتېرلىق ماشنا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ ھالقا نۇمۇرىنى بىكىتىش كېرەك ، بېكىتىلگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ، ئەگەر كەپتەر مۇسابىقىدىن بۇرۇن يۈتۈپ كەتسە ، تەبىئىي شاللىنىشقا تەۋە ، باشقا مۇسابىقە كەپتىرىنى تولۇقلاشقا بولمايدۇ . بۈگۈندىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ ، تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچەم قىلىنىدۇ .

 

بۇ ئاممىيۋى كاتەك جايلاردىن ۋاكالىتەن يىغىۋېلىش ئورنى چاقىرىدۇ.

بۈگۈندىن باشلاپ شەخسى نامىدىكى مۇسابىقە كەپتىرىگە نومۇر بېكىتىش باشلاندى  

 

تېزىملاش تېلفۇنى:15569396200

 

 

 

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

شىنجاڭ ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسى لۈيۈەن پېڭجەن خەلقئارا مۇسابىقە كەپتىرى بېقىپ كۆپەيتىش مەركىزىي


 

 发布时间:2019-2-16 12:40:51 刷新时间:2019-2-16 12:40:51 打印此页关闭窗口
 提示:如果此页面是训放清单,要想快速查询鸽环号,请按Ctrl+F然后输入您要查找的环号进行查找!
 近期信息:
  • 阿克苏绿缘鹏展公棚取消500公里比赛通知 (2019-12-21 19:01:20)
  • 绿缘鹏展公棚500公里收费名单 如有遗漏及时与公棚联系(持续更新中。。。) (2019-12-21 12:07:38)
  • 绿缘鹏展公棚500公里收费名单 如有遗漏及时与公棚联系(持续更新中。。。) (2019-12-20 19:54:05)
  • 绿缘鹏展公棚500公里收费名单 如有遗漏及时与公棚联系(持续更新中。。。) (2019-12-20 19:17:25)
  • 绿缘鹏展公棚500公里收费名单 如有遗漏及时与公棚联系(持续更新中。。。) (2019-12-20 13:40:55)
  • 绿缘鹏展公棚500公里通知 (2019-12-19 18:07:43)
  • 绿缘鹏展公棚上笼清单和阿克苏地区信鸽协会监督单 (2019-12-17 21:00:58)
  • 绿缘鹏展公棚300公里指定奖金分配 (2019-12-17 19:23:21)
  • 绿缘鹏展公棚300公里比赛直播中.......... (2019-12-17 10:46:05)
  • 绿缘鹏展公棚300公里指定鸽明细(持续更新中。。。) (2019-12-17 1:34:10)

  • 手机中信网

     相关评论: 我要评论
    1楼 评论者:中信网友 时 间:2019-11-2 13:42:13
    公里会员

    本文章信息由各公棚自行发布,随文评论的开关及管理归各公棚自行管理。
    发表评论:
    用 户: *   匿名:
    验证码: *   点击更换验证码 (填入数字时注意用半角格式)验证码出错帮助
    内 容: *




    发表评论须知:
    1.严禁对个人、实体、民族、国家等进行漫骂、污蔑、诽谤;
    2. 网友应自觉遵守《互联网电子公告服务管理规定》、《全国人大常委会关于维护互联网安全的决定》等国家各项相关法律法规及相关规则;
    3. 网友应对所发布的信息承担全部责任;
    4.网站管理人员有权保留或删除评论中的信息内容;对于严重违反发表评论须知的网友,网站管理人员有权屏蔽其帐号;
    5. 网站对发表评论须知保留变更及最终解释权;
    6. 发表评论即表明已阅读并接受以上条款。

    回页顶
    以上信息由公棚平台内企业自行发布提供,该企业负责信息内容的真实性、准确性和合法性,如有疑问请电话联系对应公棚咨询

    首页推广方式客服中心加盟中心合作平台意见建议网站导航APP下载短信通

    Copyright © 2000-2024 www.ChinaXinge.com All Rights Reserved
    中国.深圳 电话: 0755-28156678、28156809 传真: 0755-28156678
    我要投稿 建议反馈及投诉
    《中华人民共和国增值电信业务经营许可证》ICP证编号:粤B2-20040374
    粤公网安备 44030902002110号