首页 · 鸽闻 · 公棚 · 协会 · 俱乐部 · 商城 · 论坛 · 鸽问 · 拍鸽 · 分类 · 鸽业 · 寻鸽 · 播客 · 鸽舍 · APP · 会员区
中国信鸽信息网
中信网
在线铭鸽展售
鸽具用品展售

2019新疆阜康天山天池赛鸽养殖中心第三届比赛规程(维文版)


2019-4-4 14:32:57 新疆天山天池赛鸽养殖中心   分享

2019-يىللىق شىنجاڭ فۇكاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مۇسابىقە كەپتەرلىرى باقمىچىلىق مەركىزىنىڭ 3-قارارلىق مۇسابىقە قائىدىسى (لايىھەسى)

ئومومىي مۇكاپات پۇلى: 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن

 

كەڭ پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قوللىغانلىقى ۋە ئېتىبار بەرگەنلىكىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2019-يىل 500 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى مائاش ئارقىلىق شەرقىي شىمال كەسپىي تېرىنېر باۋگاڭ ئەترىتىنى بېقىش، پەرۋىش قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلار 15 يىلدىن ئارتۇق ئاممىۋى قەپەزدە كەپتەر بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، 2018-يىلى لىياۋنىڭ ئاممىۋى قەپەزدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

2019-يىللىق بارلىق مۇسابىقە ئىشلىرىنى سانجى ئوبلاستلىق پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، فۇكاڭ شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە پوچتا كەپتىرى باققۇچىلار ۋەكىللىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بىرىنچى ئۆتكەلدىكى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بارلىق مۇكاپات پۇلىنى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى  نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى بورتالا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىدىن ليۇ يوڭخۇ، باۋ يوڭ ۋە تەيىنلەپ ئەۋەتىلگەن تېرىنېرلار قەپەزنى ئېچىپ نازارەت قىلىدۇ.

100 كىلومېتىرلىق مۇساپىدا قەپەزگە قايتىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى كەپتەرلەرنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ ئېنىقلايدۇ ھەمدە سانلىق ئاساسلارنى توردا ئېلان قىلىدۇ،پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنى كەپتەرلىرىنى كۆرۈپ كېتىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئامراق كەپتىرىڭىز بىلەن كۆرۈشەلمىسىڭىز، مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزى ھەربىر دانىسى ئۈچۈن 5000 يۈەن تۆلەپ بېرىدۇ. سىرتىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ئېنتېرنېت تورى ئارقىلىق كۆرۈشسە بولىدۇ، باقمىچىلىق مەركىزى بىلەن ئالدىنئالا كېلىشىپ قويىدۇ.

بىرىنچى ئۆتكەل 180 كىلومېتىردا قەپەزگە چىقىرىلمىغان بولسا مۇسابىقىغا قاتنىشىش خىراجىتىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

100 يۈەنلىك مېھرىبانلىق ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسەبىقىسى يولغا قويۇلىدۇ، بېك سودا ئاپتوموبىلى GL8 دىن بىر دانە.

2019—يىلى بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش يولىدا ھەممىمىز بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. 100 يۈەنلىك مېھرىبانلىق ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسەبىقىسىدە مېھرىبانلىق مەبلىغىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پۇلىدىن ئاشقانلىرىنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىنىدۇ.

100 يۈەنلىك مېھرىبانلىق ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسەبىقىسىغا قاتنىشىش شەرتلىرى: كەپتەرنى تاپشۇرغاندا ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرىلىشىدۇ، ھەر بىر دانە كەپتەرگە 100 يۈەن، كەپتەرنىڭ دانىسىغا چەك قويۇلمايدۇ. مۇكاپاتلاش شەكلى: 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغىنى تاللىنىپ، بىر دانە بېك سودا ئاپتوموبىلى GL8 بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇسابىقىغا مەسئۇل ئورۇن: شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مۇسابىقە كەپتەرلىرى باقمىچىلىق مەركىزى

مۇسابىقىغا نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: سانجى ئوبلاستلىق پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، فۇكاڭ شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى

مەملىكەت بويىچەپوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى

1. مۇسابىقىغا قاتنىشىش شەرتلىرى

1) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەزكۇر قائىدىنى ئېتىراپ قىلغان پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتناشسا بولىدۇ.

2) ئۆز ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تىزىملىتىپ مۇسابىقىغا قاتنىشىدۇ (كەپتەر قەپىزى + ئىسىم-فامىلىسى)، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن مۇكاپاتنى كىملىكىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئالىدۇ؛ ئەگەر ئىسىم-فامىلىسى ئۇدۇل كەلمىسە، مۇكاپات بېرىلمەيدۇ.

3) مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلغان كەپتەرلەر تۇغۇلغىنىغا 25 كۈندىن 45 كۈنگىچە بولغان ساغلام باچكىلار بولۇشى ھەمدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ياكى رايوندىكى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بىر تۇتاش تارقاتقان پوچتا كەپتىرى پۇت ھالقىسى قادالغان بولۇشى شەرت، تېرىنېرلار يالغان ھالقا تاقالغان كەپتەر ئىكەن دەپ بېكىتسە، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مۇكاپات پۇلى بىكار قىلىنىدۇ، كەپتەرنى مەركىزىمىز ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىدۇ، قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ. چەت ئەللەردىن پوچتا كەپتىرىنى مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇشتا بىردەك جوڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى تەلەپلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇندا كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.

4) باقمىچىلىق مەركىزىمىز كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئۇرىدۇ، ئەگەر كەپتەرنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغان بولسا، كەپتەرنى تاپشۇرغاندا ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.  

5) كەپتەرنىڭ ئىگىسى كەپتەرنى باقمىچىلىق مەركىزىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر قائىدە ئىككى تەرەپنىڭ توختامىغا ئايلىنىپ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ توختام ماددىلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.   

2. مۇسابىقىغا قاتنىشىش خىراجىتى ۋە كەپتەرنى تاپشۇرۇش ۋاقتى

1) ھەر بىر دانىسىدىن 1500 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ (مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇش ھەققى 1300 يۈەن، بېقىپ پەرۋىش قىلىش ھەققى 200 يۈەن).

2) 100 كىلومېتىرلىق مۇساپىدا قەپەزگە قايتقاندىن كېيىن، يوللانغان سانلىق ئاساسلارغا ئاساسەن ھەق ئېلىنىدۇ، 8 كۈن ئىچىدە مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ، 100 كىلومېتىرلىق مۇساپىدا قەپەزگە قايتقاندىن كېيىن سانجى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، فۇكاڭ شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى قەپەزنى بىرمۇ-بىر ئېنىقلايدۇ، ئېنىقلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن سانلىق ئاساسلار يۇقىرىغا يوللىنىدۇ، پوچتا كاپتىرى ھەۋەسكارلىرى كەپتەرلىرىنى يوقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئەگەر كەپتەر ئىگىلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە، كەپتەرنىڭ ئىگىسى كەپتەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ، باقمىچىلىق مەركىزىمىز ئىگىسى ۋاز كەچكەن كەپتەرنى ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ، ھەرقانداق شەكىلدە مۇسابىقىغا قاتناشتۇرمايدۇ ھەمدە پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا كەپتەرنىڭ پۇت ھالقىسىنى نەقمەيداندا بىكار قىلىۋېتىدۇ.

3) كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى: 2019-يىل 3-ئايدىن 2019-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.

4) كەپتەر تاپشۇرۇش ئورنى: شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى كەپتەر باقمىچىلىق مەركىزى

ئۆز ئورنىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىدىن ئالدىنئالا كېلىشىپ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كەپتەرلىرى يىغىۋېلىنىدۇ، سىرتتىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ھاۋادىن يۆتكەش، تۆمۈر يول ۋە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل ئارقىلىق ھاۋالىلىق يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ، ھاۋالىلىق يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى باقمىچىلىق مەركىزىمىزگە ئالدىنئالا خەۋەر قىلىپ قويۇشى شەرت (كىرا ھەققىنى ئۆزلىرى كۆتۈرىدۇ).

 ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0994-3322222  18129316888

5) ئاممىۋى قەپەزنىڭ ئادرېسى: شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرى 9-تىرانسىپورت كوچىسى بازىرى گۇچېڭ كەنتى

6) سىرتقى ئۆلكە، شەھەرلەردىكىلەر مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھەققىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھېساۋات نومۇرىغا پىرىۋوت قىلىپ بەرسە بولىدۇ، پىرۋوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن پىرىۋۇت چېكىنى باقمىچىلىق مەركىزىمىزگە فاكىس قىلىپ بېرىشى كېرەك.

جوڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخوڭ يولى تارماق بانكىسى

622848 089 078989 3819  ئىسىم-فامىلىسى (ياڭ سىچى)

جوڭگۇ سادا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى كازىۋەن تارماق بانكىسى

6222 0830 0200 4568 135 ئىسىم-فامىلىسى (ياڭ سىچى)

3. مۇسابىقە ۋاقتى ۋە ئورنى

1) بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى: 180 كىلومېتر  ±5%  ئورنى: شىخەنزە چىگرىسى ئىچىدە  2019-يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى

2) تەييارلىق مۇسابىقىسى: 300 كىلومېتر  ±5%  ئورنى: گاۋچۈەن   2019-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى

3) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە: 500 كىلومېتر  ±5%  ئورنى: سايرام كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقى   2019-يىل 10-ئاينىڭ باشلىرى

4. قوبۇل قىلىش نەتىنجە تەرتىپى ۋە مۇكاپاتلاش چارىسى

180 كىلومېتردا 50 نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالدىنقى 3 نەپىرىگە بىر دانىدىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

4-50 نەپەر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

1000

2000

2000

3000

300 كىلومېتردا 100 نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالدىنقى 3 نەپىرىگە بىر دانىدىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

100-4 نەپەر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

1000

2000

3000

5000

 

500 كىلومېتردا 500 نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالدىنقى 20 نەپىرىگە بىر دانىدىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى 21-100 نەپىرىگە بىر دانىدىن  رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

501-600 نەپەر

101-500 نەپەر

11-100نەپەر

4-10 نەپەر

ئىككىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

3000

8000

10000

20000

50000

100000

150000

كىچىك كوللىكتىپلارنىڭ ئالدىنقى 10 نەپىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئالدىنقى 10 نەپىرىگە مۇكاپات لوڭقىسىدىن بىر دانىدىن بېرىلىدۇ.

10-4 نەپەر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

5000

8000

10000

20000

كىچىك كوللىكتىپلارنىڭ مۇسابىقىغا قاتنىشىش چارىسى: ئوخشاش نام ئاستىدا 5 دانە كەپتەر تاپشۇرغانلار كىچىك كوللىكتىپ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، كەپتەر 5 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئا، ب، س، د … گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ، 100 كىلومېتىردا يوقلاپ كەلگەندىن كېيىن 3 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە گۇرۇپىسىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بېكىتىپ مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئەگەر 3 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە گۇرۇپىسىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بېكىتىپ بولالمىسا، مەركىزىمىز كومپىيوتېر ئارقىلىق تەرتىپ بېكىتىپ گۇرۇپپىغا تەبىئىي ئايرىپ قويىدۇ، كوللىكتىپلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 500 نەپەر دائىرىسى ئىچىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى كۆپلەر ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ، ئوخشاش كوللىكتىپ ئىچىدە ئىككى دانىدىن ئارتۇق (ئىككى دانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دائىرىگە كىرگەن بولۇشى شەرت، ئەگەر مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نەتىنجە تەرتىپى ئالدىدا تۇرغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

چوڭ كوللىكتىپ مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى 5 نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالدىنقى 5 نەپەرىگە مۇكاپات لوڭقىسىدىن بىر دانىدىن بېرىلىدۇ.

4-5 نەپەر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

5000

10000

20000

30000

چوڭ كوللىكتىپلارنىڭ مۇسابىقىغا قاتنىشىش چارىسى: ئوخشاش نام ئاستىدا 20 دانە كەپتەر تاپشۇرغانلار چوڭ كوللىكتىپ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، كەپتەر 20 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئا، ب، س، د … گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ، 100 كىلومېتىردا يوقلاپ كەلگەندىن كېيىن 3 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە گۇرۇپىسىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بېكىتىپ مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئەگەر 3 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە گۇرۇپىسىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بېكىتىپ بولالمىسا، مەركىزىمىز كومپىيوتېر ئارقىلىق تەرتىپ بېكىتىپ گۇرۇپپىغا تەبىئىي ئايرىپ قويىدۇ، كوللىكتىپلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 500 نەپەر دائىرىسى ئىچىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى كۆپلەر ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نەتىنجە تەرتىپى ئالدىدا تۇرغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

3-ئۆتكەلدىكى كەپتەر شاھى مۇكاپاتىدا ئالدىنقى 10 نەپەر قوبۇل قىلىنىپ، ئالدىنقى 10 نەپىرىگە  مۇكاپات لوڭقىسىدىن بىر دانىدىن بېرىلىدۇ.

4-10 نەپەر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

5000

8000

10000

20000

بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى، تەييارلىق مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەدىن ئىبارەت 3 ئۆتكەلدىكى نەتىنجە تەرتىپى ۋە كىچىكلىرى ئۇتقان بولىدۇ، نەتىنجە تەرتىپى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىنجە تەرتىپى يۇقىرى بولغانلار ئۇتقان بولىدۇ.

رەڭدار كەپتەر مۇكاپاتى 500 كىلومېترلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 10 نەپىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئالدىنقى 10 نەپىرىگە  مۇكاپات لوڭقىسىدىن بىر دانىدىن بېرىلىدۇ.

4-10 نەپر

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

لوڭقا

2000

3000

5000

رەڭدار كەپتەر مۇكاپاتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش چارىسى: كەپتەرنىڭ پېيى سۇس قىزىل، قىزىل، قاسراق گۈللۈك، قارا-ئاق، تاش تاختا، ئارىلاش گۈللۈك بولۇش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولۇش.

ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسابىقىسى

بەشىنچى

تۆتنچى

ئۈچىنچى

ئىككىنچى

چىمپىيون

五菱宏光

五菱宏光

五菱宏光

五菱宏光

五菱宏光

ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسابىقىسى ۋە 501 نەپەر دىن 600 نەپەرگىچە بولغانلارنىڭ مۇسابىقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى: ئوخشاش نام ئاستىدا كەپتەر تاپشۇرغاندا 1500 يۈەن كاپالەت پۇلى ۋە 6 دانە كەپتەر تاپشۇرغانلار ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسابىقىسىغا ۋە  501 نەپەر دىن 600 نەپەرگىچە بولغان مۇكاپاتنى تالىشىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. (ئىزاھات: 1500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىلىرىنىڭ نامىدىكى كەپتەرلەر مۇسابىقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 1500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغانلار پەقەت نەتىنجە تەرتىپى مۇكاپاتى بىلەن چەكلىنىدۇ). ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇكاپات مۇسابىقىسىدە 500 كىلومېترلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1-100 بولغانلارغا بىر دانە ئاپتوموبىل چىقىدۇ، 101-200 بولغانلارغا بىر دانە ئاپتوموبىل چىقىدۇ، 201-300 بولغانلارغا بىر دانە ئاپتوموبىل چىقىدۇ،  301-400 بولغانلارغا بىر دانە ئاپتوموبىل چىقىدۇ،  401-500 بولغانلارغا بىر دانە ئاپتوموبىل چىقىدۇ. يۇقىرىقى مۇسابىقىلەردە نەتىجە دائىرىسى ئىچىدىكى نەتىنجە تەرتىپى ئالدىدا بولغانلار مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، قەپەزنى ئادالاپ بولغاندىن كېيىن كاپالەت پۇلى مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھەققىغە ئاپتوماتىك ئايلىنىدۇ. ئەگەر قەپەزنى تازىلىغاندا نامىدا كەپتەر بولمىسا، كاپالەت پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

5. مۇسابىقىلەشتۈرۈپ ئۇچۇرۇش چارىسى

1) مۇشۇ قارارلىق مۇسابىقىدە جوڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «جوڭگۇ پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسى قائىدىسى (2015)» ۋە «ئاممىۋى قەپەزنى باشقۇرۇش تەپسىلى پىرىنسىپى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

2) مۇسابىقىنىڭ ئادىل، لىللا، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىدە مۇسابىقىغە نازارەت قىلىش ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، جايلاردىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى (ياكى ھاۋالە قىلغان ۋەكىللىرى) بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە مەزگىلىدە مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىگە كېلىپ مۇسابىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا نازارەت قىلىدۇ.

3) مۇسابىقىدە ئېلېكترونلۇق تەسۋىرلەش سىستېمىسى ئارقىلىق رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ ھەمدە نۆۋەتچى رىپىر ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئىناۋەتلىك بولىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا كەپتەرلەر قەپەزگە قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئەگەر ئېلېكترونلۇق تەسۋىرلەش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ قېلىپ، مۇسابىقە ئاياغلىشىپ قالسا، مۇپاكاپات پۇلىنى قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. كەپتەرلەر قايتىش داۋامىدا، ئېلېكترونلۇق تەسۋىرلەش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ قېلىپ نەتىجىسىنى ئايرىشقا مۇمكىن بولمىسا، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كاشىلا كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى تىزىملانغان نەتىنجە تەرتىپى بويىچە ئۇۋىسىغا قايىتقان كەپتەرلەرگە مۇكاپات تەڭ نەقلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ، قالغان نەتىنجە تەرتىپى مۇكاپاتى قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، مۇكاپاتلانغان كەپتەر بۇنىڭ سىرتىدا.

4) ئالدىنقى ئىككى ئۆتكەلدىكى مۇسابىقىدە قويۇپ بېرىلگەن كەپتەرلەر قويۇپ بېرىلگەن كۈنى ئوۋىسىغا قايىتىپ كېلەلمىسە، مۇسابىقەتوختىتىلىپ، مۇكاپات قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ (مۇكاپاتلانغان كەپتەر بۇنىڭ سىرتىدا).

 5) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا تىزىملىتىش مەزگىلى تۇنجى كەپتەر ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ كېيىنكى كۈنى كۈن ئولتۇرۇپ يېرىم سائەتكىچە بولىدۇ.

6) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا تىزىملىتىش مەزگىلىدە نەتىنجە تەرتىپى  250 دانە (250 دانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، قالغان مۇكاپات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەپەزگە چىقىپ مۇكاپاتلىنالماي قالغان كەپتەرلەرگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ، 250 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ قالغان مۇكاپات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەرگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ (كوللىكتىپ ۋە كەپتەرلەر شاھى مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

7) مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان كەپتەرلەردە 2019-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كېسەل تېگىپ ئۆلۈپ كېتىش، قەپەز ئايلىنىپ يوقاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىمىز كەپتەر ئىگىسىگە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ، مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىمىز كەپتەرگە تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، 100 كىلومېترلىق مەشىقلەندۈرۈپ قويۇپ بېرىش ئاياغلاشقاندا، يەنى ھەر بىر ئۆتكەلدىكى مۇسابىقە ئاياغلىشىپ كەپتەرلەر ئۇۋىسىغا قايتقاندىن كېيىن، كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىلىشىش ھالىتىگە كاپالەتلىك ئۈچۈن، قىسقا مۇساپىلىق ئۇچۇرۇش ۋە ئۆيدە ئۇچۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ئەگەر يۈتۈپ كەتسە، مەسئۇل بولغۇچى ئورۇن مەسئۇل بولمايدۇ.

8) بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ھەرقايسى ئۆتكەنللەردە كەپتەر ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. (مۇسابىقە مۇساپىسى باشقىدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ).

9) مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىمىزدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە مۇسابىقىغا قاتنىشىشى بىردەك چەكلىنىدۇ.

10) يۇقىرىقى مۇسابىقىلەردە ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە، مۇسابىقە كەينىگە سۈرۈلىدۇ، توردا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

11. تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار سەۋەپلىك مۇسابىقىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولماي قالسا، مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھەققى قايتۇرۇلىدۇ، قەپەزدە بېقىلىۋاتقان كەپتەرلەرنى ئېلىپ كېتىشكە بولىدۇ، باقمىچىلىق مەركىزىمىز تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

6. مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەر، ئۇۋىسىغا قايىتقان كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش چارىسى

1) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان كەپتەرلەرنىڭ 500 نەپىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇلىشى شەرت، چىمپىيوننىڭ باشلىنىش باھاسى 30 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانلارنىڭ باشلىنىش باھاسى 20 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانلارنىڭ باشلىنىش باھاسى 10 مىڭ يۈەن، 4-10 بولغانلارنىڭ 5000 يۈەن، 11-100 بولغانلارنىڭ  3000 يۈەن،  101-500 بولغانلارنىڭ  2000 يۈەن، ئۈچ ئۆتكەلدىكى كەپتەرلەر شاھىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىكى باشلىنىش باھاسى 10 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغاننىڭ 5000 يۈەن، 4-5 بولغانلارنىڭ 3000 يۈەن، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن كىرگەن كىرىمنىڭ %60 كەپتەر ئىگىسىگە، %30 باقمىچىلىق مەركىزىگە، %10 كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش خىراجىتى قىلىنىدۇ. ئەگەر كەپتەرنىڭ ئىگىسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مەيدانىغا كەلمىسە، باقمىچىلىق مەركىزىمىز كەپتەر ئىگىسىگە ۋاكالىتەن باشلىنىش باھاسى بويىچە كەپتەرنى ئەكىلىۋېلىشقا ھوقوقلۇق، كەپتەرنىڭ ئىگىسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاياغلىشىپ بىر ھەپتە ئىچىدە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسىنىڭ %40 نى تاپشۇرۇپ كەپتەرنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە مەركىزىمىز ئۆز ئالدىغا بىر ياقلىق قىلىشقا ھوقوقلۇق.

 2) 500 كىلومېترلىق مۇسابىقىدە كەپتەرلەنىڭ ئۇۋىسىغا قايىتىش سانى ياخشى بولسا، باقمىچىلىق مەركىزىمىز كۈچەيىتمە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كەپتەر ئىگىلىرى ئىختىيارى قاتنىشىدۇ، ئەگەر ھەق تاپشۇرمىسا، نەتىنجە تەرتىپىگىلا ئېرىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، مۇكاپات كېيىنكىلەرگە بېرىلىدۇ. كونكىرېت بەلگىلىمە باشقىدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئىسىم دەرىجىسىگە ئېرىشكەن مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەر ئىككىنچى قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن كىرگەن كىرىمنىڭ %60 كەپتەر ئىگىسىگە، %30 باقمىچىلىق مەركىزىگە، %10 كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش خىراجىتى قىلىنىدۇ. مۇسابىقە تولۇق ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كەپتەرلەرنى ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.

3) مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات پۇلى ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش كىرىمىدە كۆرۈلگەن ئالاقىدار باجلارنى مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. دېيىلمەي قالغان ئىشلارنى باشقىدىن ئۇقتۇرىمىز، پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەركىزىمىزنىڭ تور بېتىگە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

7. شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مۇسابىقە كەپتەرلىرى باقمىچىلىق مەركىزى شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، يىغىلغان كەپتەرنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇكاپات سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ، نىزام بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. مەزكۇر مىزاندىكى بارلىق قانۇنىي جاۋاپكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. مەزكۇر باقمىچىلىق مەركىزىمىز تەكلىپ قىلغان قانۇن مەسلىھەتچىسى: چياۋ يوڭ

مەزكۇر مىزانغا ئىزاھ بېرىش ھوقوقى  شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مۇسابىقە كەپتەرلىرى باقمىچىلىق مەركىزىگە تەۋە.

 

 

 

شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مۇسابىقە كەپتەرلىرى

باقمىچىلىق مەركىزى


 

 发布时间:2019-4-4 14:32:57 刷新时间:2019-5-29 12:45:30 打印此页关闭窗口
 提示:如果此页面是训放清单,要想快速查询鸽环号,请按Ctrl+F然后输入您要查找的环号进行查找!
 近期信息:
  • 新疆星天赛鸽养殖基地202057 (2020-5-7 14:02:26)
  • 关于取消2019秋赛比赛的公告 (2019-9-28 23:44:16)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月23日100公里训放数据直播 (2019-9-23 9:14:24)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心100训放公告 (2019-9-22 23:20:08)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月22日第十六站59公里训放数据直播 (2019-9-22 9:00:45)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月20日第十五站 第二次40公里训放数据直播 (2019-9-20 9:11:58)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月18日第十四站 40公里训放数据直播 (2019-9-18 8:35:30)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月17日第十三站第三次25公里训放数据直播 (2019-9-17 9:37:37)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月16日第十二站第二次25公里训放数据直播 (2019-9-16 8:52:49)
  • 新疆天山天池赛鸽养殖中心9月15日第十一站25公里训放数据直播 (2019-9-15 8:39:01)

  • 手机中信网

     相关评论: 我要评论


    回页顶
    以上信息由公棚平台内企业自行发布提供,该企业负责信息内容的真实性、准确性和合法性,如有疑问请电话联系对应公棚咨询

    首页推广方式客服中心加盟中心合作平台意见建议网站导航APP下载短信通

    Copyright © 2000-2024 www.ChinaXinge.com All Rights Reserved
    中国.深圳 电话: 0755-28156678、28156809 传真: 0755-28156678
    我要投稿 建议反馈及投诉
    《中华人民共和国增值电信业务经营许可证》ICP证编号:粤B2-20040374
    粤公网安备 44030902002110号