首页 · 鸽闻 · 公棚 · 协会 · 俱乐部 · 商城 · 论坛 · 鸽问 · 拍鸽 · 分类 · 鸽业 · 寻鸽 · 播客 · 鸽舍 · APP · 会员区
中国信鸽信息网
中信网
在线铭鸽展售
鸽具用品展售

新疆喀什亚克西赛鸽公棚2021年首届竞翔规程(维文)


2021-1-31 13:51:16 喀什亚克西赛鸽公棚   分享

شىنجاڭ قەشقەر ياخشى مۇسابىقە كەپترى ئاممۋى كەپتەرخانىسنىڭ 2021-يىللىق كۈز پەسلىك تۇنجىى نۆۋەتلىك مۇسابىقە قائىدىسى

 

ئادىل ، ئاشكارا ،ئۇچۇق .    ھەر قانداق شەكىلدىكى كىلشىم كەپتەر قەتئي قۇبۇل قىلىنمايدۇ .

   بۇ قائىدە تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ تىزىملاش باشلىندۇ . تىزىملاش تېلفۇن نۇمۇرى 13899130000

100 كىلومىتىرلىق كەپتەر ئېنىقلاش بېكىتىدە يېڭى شەھەر پوچتا كەپتەر جەمئىيتى كەپتەر تۇتۇش ، قۇيۇپ بىرىش ئىشلىرىغا نازارەتچلىك قىلىدۇ . مەشق ۋە مۇسابىقىدە قۇيۇش بىرىش ئورنى قائىدىدە دىيىلگەندىن يېقىن بوپ قالسا پاش قىلغۇچىلارغا 500000 يۈەن بېلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .

   ئومۇمى مۇكاپات سوممىسى 6680000  يۈەن ،مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1600 يۈەن ،كەپتەر جەمئىيتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە كەپتەر ئېنىقلاشتا كەپتەرنى قول بېلەن تۇتۇش كۈرۈشكە بولىدۇ .

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چىمپىيۇن 150000يۈەن ، ئىككىنچى دەرىجە 100000يۈەن ، ئۈچۈنچىدەرىجە 50000يۈەن، 4-10-دەرىجەگىچە ھەر بىرسى 20000يۈەن ،11-دىن 500 دەرىجەگىچە 10000يۈەن بېلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .

   كىچىك گورۇپ (5دانە كەپتەر ) 20 گورۇپ كەپتەر مۇكاپاتلىندۇ،چوڭ گۇرۇپ (12دانە كەپتەر )10گورۇپ كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ .

   كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 10-ئاينىڭ ئاخرى .

   كەپتەرخانىمىز كەڭ ھەۋەسكار دوستلارنىڭ بىزنى يېقىندىن قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن 501-600 –گىچە بولغان ھەر بىر كەپتەرنى 5000 يۈەن بېلەن ، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 88-،188،288،388،488 بولغان ھەر بىر كەپتەرنى بىر دانە ماشىنا(باۋجۈن310) تپلىق بېلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدۇق . بۇ مۇكاپاتقا ئېرىش ئۇسۇلى ھەر بىر كەپتەر ھەۋەسكارى 1600 يۈەندىن كاپالەت پۇلىنى 2021-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈندىن بۇرۇپ  تاپشۇرۇش بۇلۇشى كېرەك . 1600 يۈەنلا تاپشۇرسىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىش سالاھيىتىى بولىدۇ . كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغانلار يۇقارىقى دەرىجىگە ئېرىشسە  دەرىجە كەينىگە سۈرۈلۈپ كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەرچى دوستىمىز ئېرىشىدۇ . بۇ تاپشۇرغان كاپالەت پۇلىڭىز 100 كىلومىتىرلىق كەپتەر ئېنىقلاشتىن كىيىن ، كەپتىرىڭىزنى تۇتۇپ كۈرۈپ ،كەپتىرىڭىز  بولسا بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشش ھەققىگە ھىساپلىنىدۇ ، ناۋادا كەپتىرىڭىز قالمىغان بولسا كاپالەت تاپشۇرغان پۇلىڭىز تۇلۇق قايتۇرۇلىدۇ . بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كاپالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىز بولدۇ .

   نازارەت قىلىغۇچى ئۇرۇن:  يېڭشەھەر ناھيلىك كەپتەر جەمئىيتى ،پەيزىۋات ناھيىلىك كەپتەر جەمئىيىتى.

   ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن : شىنجاڭ قەشقەر ياخشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممۋى كەپتەرخانىسى ،قەشقەر مىڭ يول سودا چەكلىك شىركىتى .

1 .مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى

(1)كەپتەرلەر چوقۇم 25كۈنلۈكتىن 45كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام باچكىلار بولۇشى، پۇتىغا دۆلەتلىك ياكى رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى ئېتىراپ قىلىدىغان 2021-يىلنىڭ ھالقسى ئېسىلغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر ساقتا ھالقا بايقالسا كەپتەر نەتىنجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

(2)  كەپتەرخانىمىز مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ. ئەگەر ئاللىبۇرۇن ئەملىنىپ بولغان بولسا، كەپتەر تاپشۇرغان ۋاقىتتا ئەسكەرتىشى كېرەك.يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان رايۇنلارنىڭ كەپتىرى قۇبۇل قىلىنمايدۇ .

(3) ھەۋەسكارلار كەپتىرىنى كەپتەرخانىمىزغا تاپشۇرغاندىن باشلاپ كەپتەرخانا بىلەن توختام تۈزۈلدى دەپ قارىلىدۇ، توختام تۈزۈلگەندىن  كېيىن ئىككىلا تەرەپ توختامنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

2.مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى

(1)كەپتەر تاپشۇرغان ۋاقىتتا چۇقۇم ھەقىقى ئىسىم بىلەن تاپشۇرۇش كېرەك .

تاپشۇرۇش ئۇسۇلى :

 ھەقىقى ئىسىم-فامىلىسى

كەپتەرخانا ئىسمى –)ھەقىقى ئىسىم فامىلىسى( 

شىركەت ، ئۇرۇن –)ھەقىقى ئىسم-فامىلىسى (

(2) ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1600يۈەن ، بېقىش ھەققى 200 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . قانچلىك كەپتەر يىغىلىشدىن قەتئىنەزەر مۇكاپات سوممىسى قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ .

(3)  100  كىلومتىرلىق كەپتەر ئېنىقلاشتىن كيىن ، ھەۋەسكار دوستلار چۇقۇم ئۆز نامىدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ 1600 يۈەندىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ، تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كەپتەرنى قولدا تۇتۇپ كۈرۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ، ناۋادا كەپتەرلەر مېيىپ ، كېسەل بۇلۇپ ، كىيىنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىسا  بۇ كەپتەرگە تاپشۇرغان 1600 يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى تۇلۇق قايتۇرۇلدۇ .

 مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغان كەپتەرلەر 1-ئۆتكەل 180 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە قەپەزگە چىقمىغان بولسا شۇ كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى تۇلۇق قايتۇرۇلدۇ . 

 100  كىلومىتىرلىق كەپتەر ئېنىقلاشتىن كىيىن 1 ھەپتە ئىچىدە چۇقۇم كەپتەر تاپشۇرغۇچى نامىدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر تاپشۇرمىسا ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ ، ئاممىۋى كەپتەرخانا خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .(ھالقا كىسلىپ ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ).

3.نازارەت قىلىش ئۇسۇلى :

 ھەر قايسى ئۆتكەللەردىكى مۇسابىقىگە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھيلىك پوچتا كەپتەر جەمئىيتى ،پەيزىۋات ناھيلىك كەپتەر جەمئىيىتى كەپتەرنى تۇتۇش ، كەپتەرنى ئېلىپ مېڭىش ۋە كەپتەر قۇيۇپ بىرىش ئىشلىرىغا نازارەتچلىك قىلىدۇ ، مۇسابىقىدە ئېىلىكتىرونلۇق پەللە ئارقىلىق رەتكە تۇرغۇزۇش ئېلىپ بېرلىدۇ . ئەگەر مۇسابىقە ۋاقتىدا ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە نەق مەيداندىكى رېپىرلارگۇرۇپپىسى جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملىرىغا ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ .

 100 كىلومىتىرلىق كەپتەر ئېنىقلاشتىن تارتىپ 450 كىلومىترلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغىچە ئالدىنقى ئۆتكەلدىكى 111-، 222-،333-،444-،555- بولغان كەپتەرچى دوستىمىز كەپتەر يىغىش كەپتەر قۇيۇپ بىرىش ئىشلىرىغا نازاەتچلىك قىلىدۇ ، ناۋادا ئۆزى كېلەلمىسە ۋەكىل  ئەۋەتىپ نازارەت قىلىسا بولدۇ ، ئاممۋى كەپتەرخانىمىز بېرىپ كىلىش يول خىراجىتى ، ياتاق –تاماقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر كەپتەرچى دوستىمىزغا 500 يۈەندىن تۇلۇقلىما بېرىلىدۇ . ئۆتكەل قۇشۇپ مۇسابىقە ئويناش ئۇسۇلمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولدۇ .

 ھەر قانداق كەپتەر تاپشۇرغان دوستلارنىڭ ھەر ۋاقىت مەشق ۋە مۇسابىقىدە نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

4.مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش

نازارەت قىلغۇچى ئۇرۇن

قۇيۇپ بىرىش ئورنى

ۋاقتى

كىلومىتىر

مۇسابىقە تۈرى

مارالبېشى كەپتەر جەمئىيتى

مارالبېشى ناھيسى

10-ئاينىڭ بېشىدا

180كىلومىتىر±5%

1-ئۆتكەل

تۇمشۇق شەھەر كەپتەر جەمئىيتى

شاخور ئورمانچلىق مەيدانى

10-ئاينىڭ ئوتتۇرسى

310كىلومىتىر±5%

2-ئۆتكەل

ئالار  شەھەر كەپتەر جەمئىتيى ، شايار ناھيلىك كەپتەر جەمئىيتى

ئالار خوتەن تاشيۇلى

10-ئاينىڭ ئاخىرى

450كىلومىتىر±5%

3-ئۆتكەل

يۇقارقى مۇسابىقە ۋاقتىدىن  پەقەت پايدىلىنىشقا بولدۇ ، ئەمەلى شارائىتقا بېقىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدۇ ، 0 كىلومىتىردىن تارتىپ 1-ئۆتكەل 180 كىلومىتىرغىچە مەشق 15 قېتىمدىن كەم بولمايدۇ .

(4)ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى

(5)كوللىكتىپ مۇسابىقە : كىچك گورۇپ، چوڭ گورۇپ مۇسابىقىسى .

(6) ماشىنا مۇكاپاتى ، بىكىتىلگەن كەپتەر مۇسابىقىسى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ ، كەپتەرچى دوستلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئاممۋى كەپتەرخانىمىزنىڭ تور بىتىگە دېققەت قىلىشىنى سورايمىز .

(7) ئۆتكەل قۇشۇش مۇسابىقىسى : ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كەپتەرنىڭ قايتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتىمىز .

ئەسكەرتىش : ناۋادا ھاۋارايى ناچار بوپ قالسا مۇسابىقە كەينىگە سۈرۈلدۇ .

5. مۇكاپاتلاش چارىسى (ئۇمۇمى مۇكاپات 6680000 يۈەن)

(1) 1-ئۆتكەل: 180 كىلومىتىر ، ئالدىنقى 50 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ .ھەر قايسى 1000 يۈەن .

(2) 2-ئۆتكەل: 310 كىلومىتىر ، ئالدىنقى 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ (ئالدىنقى 10 كەپتەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتلىدۇ )

چىمىيۇن 10000يۈەن ، ئىككىنچى 5000يۈەن ، ئۈچۈنچى 3000يۈەن ، 4-100 -گىچە ھەر بىرسى 1000 يۈەن بېلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .

(3) 3-ئۆتكەل: 450 كىلومىتىر ، ئالدىنقى 600 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ . (ئالدىنقى 10 كەپتەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلدۇ .)

چىمپىيۇن 150000 يۈەن ، ئىككىنچى 100000يۈەن ، ئۈچۈنچى 50000يۈەن،4-10-گىچە ھەر بىرىسى 20000 يۈەن ، 11-500 -گىچە ھەر بىرسى 10000 مىڭ يۈەن ،501-600-گىچە ھەر بىرسى 5000 يۈەن (كاپالەت پۇلى تاپشۇرغانلار ).

(4) ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى ، ئالدىنقى 10 دەرىجە مۇكاپاتلىنىدۇ . (ھەر بىر دەرىجىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتلىدۇ)

چىمپىيۇن 30000 يۈەن ، ئىككنچى 20000 يۈەن ، ئۈچۈنچى 10000يۈەن،4-10-گىچە ھەر بىر دەرىجە 5000 يۈەن .

(5) چوڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسى 10 دەرىجە مۇكاپاتلىنىدۇ ( بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ )

چىمپىيۇن 50000 يۈەن ، ئىككىنچى 30000 يۈەن ، ئۈچۈنچى 20000 يۈەن ،4-10-گىچە ھەر بىر دەرىجە 10000 يۈەن .

(6)كىچك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى  ئالدىنقى 20 دەرىجە مۇكاپاتلىنىدۇ (ئالدىنقى 10 دەرىجىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ )

چىمپىيۇن 40000 يۈەن ، ئىككىنچى 30000 يۈەن ، ئۈچۈنچى 20000 يۈەن ، 4-10- گىچە 10000 يۈەن ، 11-20-گىچە ھەر بىرسى 5000يۈەن .

6. چوڭ كىچىك گۇرۇپپا ۋە كەپتەر شاھىنى باھالاش ئۆلچىمى 

(1) كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقسى . بىر نامدا تاپشۇرغان  كەپتەرلەر 5گە يەتسە كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسگە قاتناشسا بولىدۇ. 5دىن ئاشقاندا يەنە بىر ئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن « A ،  B،  C....» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ.

(2)چوڭ گۇرۇپپا مۇسابىقسى . بىر نامدا تاپشۇرغان  كەپتەرلەر 12گە يەتسەچوڭ  گورۇپپا مۇسابىقىسگە قاتناشسا بولىدۇ. 12دىن ئاشقاندا يەنە بىر ئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن « A ،  B،  C....» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ.

(3) 180 كىلومىتىرلىق مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن كەپتەرلەرنى گۇرۇپپىغا ئايرىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، كەپتەر ئېگىسى فاكىس ۋە رەڭلىك ئۇچۇر ئارقىلىق ئاممىۋى كەپتەرخانىغا گۇرۇپپىغا بۇلۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش كېرەك . ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىېچىدە گۇرۇپىغا ئايرىمسىڭىز كومپىيۇتېر ئارقىلىق گۇرۇپپىغا ئايرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ . قەتئى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ . دەل ۋاقتىدا تورغا يوللىندۇ .

(4) چوڭ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى 450 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئالدىنقى 500كەپتەر ئىچىدىن تاللىندۇ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (450كىلومېتىرلىق) دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلىرى كۆپ بولغان(كىچىك گورۇپپا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ، چوڭ گۇرۇپپا ئۈچ ياكى ئونىڭدىن كۆپ كەپتەر مۇكاپاتلىنىشى كىرەك) كەپتەرچى ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر سانى تەڭ بولۇپ قالسا، 450كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىمنىڭ كەپتىرى ئالدىدا كەلگەن بولسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ.

(5)ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى 450 كىلومىتىرلق مۇسابىقىدە بارلىققا كېلىدۇ ، كەپتەر شاھىنى بىكىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ 1-ئۆتكەل ، 2-ئۆتكەل، 3-ئۆتكەل مۇسابىقىدىكى ئۇچۇش سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسى قۇشۇپ ھىساپلىنىدۇ ، يېغىندىسى يۇقىرى بولغانلار ئوتقان بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ، ئەگەر ئۈچ ئۆتكەلنىڭ يىغىندىسى ئوخشاش بولۇپ قالسا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دەرىجىسى ئالدىدىكى ئۇتقان  ھىساپلىنىدۇ .

7. مۇسابىقە قائىدە تۈزۈملىرى  

(1)جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تۈزۇپ تارقاتقان <<مۇسابىقە كەپتىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈش ۋە رىپىرلىق قىلىش >>تۈزۈمى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدۇ .

(2) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىناۋەتلىك ۋاقتى بىرىنچى كەپتەر قايتىپ كەلگەندىن باشلاپ ئەتىسى سائەت 20گىچە بولدۇ ، ناۋادا ئىناۋەتلىك ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلگەن كەپتەر سانى ئاز بۇلۇپ  قېلىپ دەرىجە توشمىسا ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى قەپەزگە قاچلانغان كەپتەرلەرگە تەڭدىن تەقسىم قىلىنىدۇ . (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەردىن باشقا)

(3)ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر قېتىملىق چاپلاق ئىشلىتىلدۇ ، ناۋادا چاپلاق ئادەم تەرىپىدىن بۇزۇلغانلىقى بايقالسا نەتىجە ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ، دەرىجە ئۈستىگە سۈرۈلدۇ .

(4) ھەر قايسى ئۆتكەل مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن كەپتەرلەر نۇرمال ئائىلدە ئۇچۇرۇش ۋە قىسقا مەشىققە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ ، ناۋادا يوقىغان، ئۇرۇلغان بولسا تەبئى شاللانغان بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ، ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز ھەر قانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .

(5)ئاممۋى كەپتەرخانىمىز كەپتەر يىغىشتىن باشلاپ ھەر قايسى مۇسابىقىدە كەپتەر ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا تورغا يوللايمىز ، ناۋادا ئۇچۇرلار خاتا بوپ قالسا دەل ۋاقتىدا تۇغۇرلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمىز ، بۇ خاتالىقلاردىن كىلىپ چىققان ھەر قانداق مەسلىنى ئاممۋى كەپتەرخانىمىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالمايمىز .

(6)كەپتەر يىغىش ۋە مۇسابىقە جەريانىدا ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان كېسەللىك ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قائىدە نىزاملىرى بۇينچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولماي قالسا ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن يىغىلغان مۇسابىقە ھەققى 1400 يۈەن قايتۇرۇلدۇ ، 200 يۈەن بېقىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ .

(7)ئەگەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىچىكىپ قايتىپ كەلگەن كەپتەر سانى 600 دانىدىن ئاشسا (مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەردىن سىرىت)كەپتەرخانىمىز ئۆتكەل قۇشۇش مۇسابىقىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ ، بارلىق كىچىكىپ كەلگەن كەپتەر ئۆتكەل قۇشۇپ مۇسابىقىسگە قاتنىشىشى كېرەك ، ئۆتكەل قۇشۇش مۇسابىقىسىگە پۇل تاپشۇرۇش تاپشۇرماسلىقنى ئۆزىڭىز قارار قىلىسىڭىز بولدۇ . ناۋادا پۇل تاپشۇرمىغان كەپتىرىڭىز قايتىپ كەلسە نەتىجە ھىساپلانمايدۇ . ئۆتكەل قۇشۇپ ئويناشنىڭ تەپسىلى قائىدىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ ، ئۆتكەل قۇشۇپ ئويناش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدا نۇرمال ئائىلە مەشىقى ۋە قىسقا يول مەشىقى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، ناۋادا ئۇچۇپ يوقىسا ، يارلانسا تەبىئى شاللانغان دەپ قارىلىدۇ ، ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز مەسئۇليەتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .

8. مۇكاپاتلاش ۋە قايىتقان كەپتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

(1) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ئۆتكەل قۇشۇش مۇسابىقىسدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەر بىردەك تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇشى كېرەك .  بىرىنچى بولغان كەپتەرنىڭ باشلىنشى باھاسى 50 مىڭ يۈەن،ئىككىنچى بولغان كەپتەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 30مىڭ يۈەن، ئۈچۈنچى بولغان كەپتەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 20مىڭ يۈەن بولىدۇ، 4-10 دەرىجىگىچە باشلىنىش باھاسى 5000 يۈەن بولىدۇ. 11-500 -دەرىجىگىچە باشلىنىش باھاسى 2000يۈەن بولىدۇ501-600-دەرىجىگىچە باشلىنىش باھاسى 1500يۈەن بولىدۇ.كەپتەر شاھى چىمپىيۇن 30000 يۈەن ، كەپتەر شاھى ئىككنچى 20000يۈەن ، كەپتەر شاھى ئۈچۈنچى 10000يۈەن،كەپتەر شاھى 4-10دەرىجە 5000يۈەن .

(2)چىگرا سىرتىدىن كىرگەن بارلىق كەپتەرلەر تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قاتنىشىدۇ ، تالاشتۇرۇپ سېتىشتا تالاشتۇرۇپ سېتىلغان پۇلنىڭ %60نى كەپتەر ئىگىسى ئالدۇ ، %30 ى ئاممۋى كەپتەرخاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ ، %10 ى تالاشتۇرۇپ سېتىش خىراجىتى قىلىنىدۇ .

(3) بارلىق مۇكاپاتتىن كىرگەن كىرىم ۋە تالاشتۇرۇپ سېتىشتىن كىرگەن كىرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك باج رەسىميەتلىرىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ  .

(4)تالاشتۇرۇپ سېتىشتا سېتىلمىغان كەپتەرنى باشلىنىش باھاسىنىڭ %40 تۆلەپ قايتۇرۇپ ئەكەتسە بولدۇ . بارلىق كىچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەر ھەقسىز قايتۇرۇلدۇ  .

9. كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى ، ئورنى ۋە ئۇسۇلى

(1)كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ 2021-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولدۇ . شەنبە يەكشەنبە بايراملاردا نۇرمال كەپتەر يىغىمىز ، ناۋادا يىغىلغان كەپتەر سانى پەۋقۇللادە كۆپ بۇلۇپ كەتسە بىكىتىلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن كەپتەر يىغىشنى ئاخىرلاشتۇرىمىز . 

(2)كەپتەر تاپشۇرۇش ئورنى : شىنجاڭ قەشقەر ياخشى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

(3)كەپتەر تاپشۇرۇش ئۇسۇلى : شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى كەپتەرچى دوستلار ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋۇز ، پويىز، ئايرۇپىلان بېلەن قەشقەر بېكىتىگە يەتكۈزۈپ بەرسە بولدۇ ،ياكى ھەر قايسى شەھەردىكى ۋاكالىتەن كەپتەر يىغىش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولدۇ .  كەپتەر سېلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئاممۋى كەپتەرخانا بېلەن ئالاقىلىشىنى سورايىمىز .

ئاممۋى كەپتەرخاننىڭ كەپتەر يىغىش تېلفۇن نۇمۇرى :  13369983565 

 09986523565             19990903565

(4)ئاممۋى كەپتەرخاننىڭ باش دېرىكتۇرى : نىزامىدىن       تېلفۇن نۇمۇرى: 13899130000

ئاممىۋى كەپتەرخاننىڭ دېرىكتۇرىى : شىرئەلى                تېلفۇن نۇمۇرى: 13899139964

ئاممىۋى كەپتەرخاننىڭ مالىيە خادىمى : تۇرسۇنجان         تېلفۇن نۇمۇرى :  13399983565

ئاممىۋى كەپتەرخاننىڭ باش تېرنىر   :گاۋلىن                تېلفۇن نۇمۇرى :13810842586

(5)ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى :

جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى        622203 3012 0628 3600  نىزامدىن خېلىل

جۇڭگو قۇرلۇش بانكىسى           6217 0046 1000 3923 006 نىزامدىن خېلىل

جۇڭگو يېزا ئېگىلىك بانكىسى         622823 3665310863469  مەتتۇرسۇن خېلل

جۇڭگو بانكىسى   623575 8300000005037                  شىرئەلى يۇسۇپ

10. بۇ قائىدىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۇرۇش ھوقۇقى شىنجاڭ قەشقەر ياخشى ئاممىۋى كەپتەرخانىسغا تەۋە .

 

شىنجاڭ قەشقەر ياخشى ئاممۋى كەپتەرخانىسى

2021-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

 

 


 

 发布时间:2021-1-31 13:51:16 刷新时间:2021-1-31 13:51:16 打印此页关闭窗口
 提示:如果此页面是训放清单,要想快速查询鸽环号,请按Ctrl+F然后输入您要查找的环号进行查找!
 近期信息:
  • 公告 (2021-11-5 16:10:38)
  • 通知 (2021-11-1 15:40:30)
  • 喀什亚克西公棚汽车幸运奖名单(汽车5俩)已付保证金 (2021-10-27 0:04:55)
  • 喀什亚克西公棚10月25日第十五站训放公告 (2021-10-24 23:14:30)
  • 喀什亚克西赛鸽公棚已交参赛费列表 (2021-10-24 21:56:05)
  • 新疆喀什亚克西赛鸽公棚2021年10月18日112公里收费站集鸽现场 (2021-10-19 20:17:16)
  • 喀什亚克西赛鸽公棚2021年10月19日112km收费站(第14站) (2021-10-19 12:33:38)
  • 喀什亚克西赛鸽公棚2021年10月18日112km集鸽数据 (2021-10-19 9:54:49)
  • 喀什亚克西赛鸽公棚2021年10月18日112km集鸽数据 (2021-10-19 2:35:02)
  • 喀什亚克西赛鸽公棚第十四站112公里(收费站)训放通知 (2021-10-18 0:48:06)

  • 手机中信网

     相关评论: 我要评论


    回页顶
    以上信息由公棚平台内企业自行发布提供,该企业负责信息内容的真实性、准确性和合法性,如有疑问请电话联系对应公棚咨询

    首页推广方式客服中心加盟中心合作平台意见建议网站导航APP下载短信通

    Copyright © 2000-2024 www.ChinaXinge.com All Rights Reserved
    中国.深圳 电话: 0755-28156678、28156809 传真: 0755-28156678
    我要投稿 建议反馈及投诉
    《中华人民共和国增值电信业务经营许可证》ICP证编号:粤B2-20040374
    粤公网安备 44030902002110号