2024-يىللىق خوتەن قاشتېشىمۇسابىقە كەپتەرخانىسى(ئەتىيازلىق)
1-نۆۋەتلىك>> خوتەن قاشتېشى لوڭقىسى <<مۇسابىقە قائىدىسى (سىناق نۇسخا)
6دانە ھەقسىز قاشتېشى مېدال
مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن 120 كىلومىتېرلىق ھەق ئېلىش بېكىتى
تۇنجى ئۆتكەل مۇسابىقىدەقەپەسكە چىقمىغان كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقەھەققى تولۇق قايتۇرىلىدۇ
پۇل تاپشۇرمىغان كەپتەرلەرنىڭ ھالقىسى كىسىلىپ، بىردەك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ
ئۇچۇق ئاشكارە،توسۇق يوق شارائىتتا بېقىلىدىغان، ساختىلىق قىلىشقا ئامال يوق ئاممىۋى كەپتەرخانا
شىنجاڭدىكى بىردىن-بىر ئۇدا 9 يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغان ئاممىۋى كەپتەرخانا
9يىلدىن بېرى ترېنېر ۋەكەپتەرخانا خوجايىنى ئالمىشىپ باقمىغان، ھەقىقى ئىشەنچلىك ئاممىۋى كەپتەرخانا
كەپتەرخانىمىز ۋەدىسى: مەيلى قانچىلىك كەپتەر يىغىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇكاپات سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ!
ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن: خوتەن شەھەر تېنچلىق مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبى
ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن : خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
نازارەتچى ئورۇن : شىنجاڭ خەت كەپتىرى جەمئىيىتى خوتەن ۋىلايەتلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى
بىرىنچى،مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :
1. مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىتىراپ قىلىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق مۇسابىقە كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى بىردەك مۇسابقىگە قاتناشسا بولىدۇ .
2. كەپتەرئىگىسى ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تىزىملىتىشى ياكى كاتەك نامىغا + ھەقىقى ئىسىمنى قوشۇپ تىزىملىتىشى كېرەك.
3. ئەۋتىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم 30-60 كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام باچكا كەپتەرلەر بولىشى كېرەك، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە،دۆلەت ۋە يەرلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى ئىتىراپ قىلىدىغان 2023-يىللىق رەسمىي ئۈزۈك سېلىنغان بۇلىشى كېرەك، كېسەللىك تارقالغان رايۇنلاردىكى كەپتەرلەر بىردەك قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
4. ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز تاپشۇرۋالغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ، ئەگەر كەپتەرئىگىسى كەپتەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۆزى ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسا، كەپتەر ئەۋەتكەندە ئىنىق ئەھۋالنى ئەسكەرتىشى كېرەك .
5. كەپتەرلەركەپتەرخانىمىزغا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى توختام بولۇپ شەكىللىنىدۇ، تەرەپلەر چوقۇم مۇسابىقە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
6. بىرلىشىپ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇكاپات ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىغا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرغان كىشىدە بولىدۇ.
ئىككىنچى -مۇسابىقە تۈرى، ئارىلىقى ۋە ئورنى :
بۇ نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق مۇسابىقىدە: بەدەن قىزدۇرۇش مۇسابىقىسى، تەييارلىق مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسى، چوڭ كوللېكىپ مۇسابىقىسى، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ۋە كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بىرىنچى ئۆتكەل : 200 كىلومېتىر (180-200)، ئالار يولى مازارتاغ ئەتراپى
ئىككىنچى ئۆتكەل: 300كىلومېتىر (275-300)، ئالار يولى مۇلازىمەت رايونى ئەتراپى
ئۈچۈنچى ئۆتكەل : 500كىلومېتىر (480-500)، شايار ناھىيەسى ئەتراپى
يۇقارقى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ قويۇشقا بولىدۇ، كونكرت مەزمۇنلار مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشى ئېلان قىلىنغان چاغدىكى ئۇقتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ. تۇنجى ئۆتكەل مۇسابىقىغىچە بولغان ئارلىقتىكى مەشىقلەندۈرۈش قېتىم سانى 10-15 قېتىمدىن كەم بولمايدۇ .
4. كىچىك كوللىكتىپ مۇسابىقە - كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىدە ھەر 5 كەپتەر(كەپتەر يېغىش ئاخىرلاشقاندىكى سان ھىساپ) بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. 5 كەپتەر تاپشۇرغانلارنىڭ كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ تاپشۇرغان كەپتەر5 دىن ئارتۇق بولسا، ئايرىم گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. گۇرۇپپا نامى كاتەك نامى كەينىگە a, b, cقوشۇپ يېزىلغان شەكىلدە بولىدۇ ۋە شۇ بويىچە داۋاملاشتۇرىلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 500 كەپتەرنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ (بىر گۇرۇپپىدا كەم دېگەندە 2 كەپتەر بولىشى شەرت) ، مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، كەپتىرىنىڭ دەرىجىسى ئالدىدا بولغانلىرى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ .
5. چوڭ كوللىكتىپ مۇسابىقە - 15 كەپتەر(كەپتەر يېغىش ئاخىرلاشقاندىكى سان ھىساپ) بىر گۇرۇپپا بولىدۇ. 15 كەپتەر تاپشۇرغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. تاپشۇرغان كەپتەر15 تىن ئارتۇق بولسا، ئايرىم گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. گۇرۇپپا نامى كاتەك نامى كەينىگە A, B, C قوشۇپ يېزىلغان شەكىلدە بولىدۇ ۋە شۇ بويىچە داۋاملاشتۇرىلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 500 كەپتەرنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ ،مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، كەپتىرىنىڭ دەرىجىسى ئالدىدا بولغانلىرى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ.
6. تۇنجى قېتىملىق 120 كىلومېتىرلىق مەشىقتىن كىيىنكى 3 كۈن ئىچىدە ، كەپتەر ئىگىلىرى ئۆزنامىدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىش تىزىملىكىنى فاكىس ، رەڭلىك ئۇچۇرياكى ئۈندىدار ئارقىلىق يوللاپ بېرىشى كېرەك، مۇددەت ئىچىدە گۇرۇپپىغا ئايرىمىغانلارنى كەپتەرخانىمىز كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتۇماتىك گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ.باشقا-باشقا كەپتەر ئىگىسى نامىدىكى كەپتەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ياكى ئارلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاشقا بولمايدۇ.
7. كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى–ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 500 كەپتەرنىڭ ئىچىدىكى ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ ئۈچ ئۆتكەلدىكى ئۇچۇش سۈرئىتىنىڭ ئومۇمىي يېغىندىسى قوشۇپ ھىسابلىنىپ، ئۇچۇش سۈرئىتى يىغىندىسى يۇقۇرى بولغانلىرى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ .ئەگەر ئۇچۇش سۈرئىتى ئوخشاش بولۇپ قالسا، كەپتەر دەرىجىسى ئالدىدا بولغانلىرى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ .
ئۈچۈنچى -مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى
1. ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1500 يۈەن (بېقىش ھەققى 300يۈەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). زاكالەت پۇلى 1500يۈەن ھەق يېغىش باشلانغاندا مۇسابىقە ھەققى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغانلارھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 501-800 غىچە دەرىجىگە كىرسە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئەگەر ھەق ئېلىش بېكىتىدە نامىدا بىرمۇ كەپتەر قالمىسا زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلىدۇ. زاكالەت پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى5-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ .
(خەت كەپتىرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار، ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ قاتنىشىڭ)
2. كەپتەرلەر120 كىلومىتېرغا مەشىقلەندۈرۈپ قايتقاندىن كىيىن، مۇسابىقە كەپتەرخانىمىزكەپتەرلەرنى ئېنىقلاش ئېلىپ بارىدۇ، ئىنىقلانغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە ئەمەلىي بار بولغان كەپتەر سانى بويىچە كەپتەر ئىگىسى ئۆز نامىدىكى كەپتەرلەرنىڭ بارلىق ھەقلىرىنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بارلىق ھەقلەرنى تولۇق تاپشۇرمىغان كەپتەر ئىگىلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ، زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ، سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، ھەق تاپشۇرۇلمىغان كەپتەرلەر مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئۈچۈنچى تەرەپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، كەپتەرلەرنى كەپتەرخانىمىز ئۆز ئالدىغا بىتەرەپ قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توردا ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
2. ھەق تاپشۇرۇپ بولغان مۇسابىقە كەپتىرى تۇنجى ئۆتكەل بەدەن قىزدۇرۇش مۇسابىقىسىدە قەپەسكە چىقمىسا،كەپتەرخانىمىز كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقە ھەققى 1500 يۈەننى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىدۇ (ۋاقتى 300 كىلومىتېرلىق مۇسابىقىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ).
4. ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدىن كەپتەر ئەۋەتمەكچى بولغانلار كەپتەرلەرنى بىۋاستە خوتەن ئايدۇرۇمى ياكى ھەرقايسى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكەتلىرىگە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. كەپتەر ئەۋەتكەندە،ئالدىن كەپتەرخانىمىز بىلەن تېلېفۇندا ئالاقىلىشىپ ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ.
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 2063388-0903 18197787770 19351057555 19399540111
كەپتەرخانا ئادرېسى: خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى (خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەرخانىسى)
5. كەپتەر قۇبۇل قىلىش ۋاقتى: 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2023-يىلى 10-ئاينىڭ20-كۈنىگىچە
6. كەپتەرلەردە ۋاكسىنا رىئاكسىيە قىلىش ياكى يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، كەپتەر ئىگىسىگە باشقاكەپتەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ.تولۇقلاپ تاپشۇرمىسا مۇسابىقىدىن ۋازكەچكەن دەپ قارىلىدۇ، كەپتەرخانا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
تۆتىنچى - مۇسابىقە دەرىجىسى ۋە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى :
1. بىرىنچى ئۆتكەل 200كىلومېتىردا : 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى ئونغا مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.
بىرىنچى: 10000 يۈەن ئىككىنچى: 8000 يۈەن ئۈچۈنچى: 5000 يۈەن 4-100 گىچە: ھەر بىرى 1000 يۈەن
2. ئىككىنچى ئۆتكەل 300كىلومېتىردا: 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى ئونغا مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.
بىرىنچى: 10000 يۈەن ئىككىنچى: 8000 يۈەن ئۈچۈنچى: 5000 يۈەن 4-100 گىچە: ھەر بىرى 1000 يۈەن
3. ئۈچۈنچى ئۆتكەل 500كىلومېتىردا: 800 كەپتەر مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى ئونغا مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ،بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچۈنچى بولغان كەپتەرگە بىردىن خوتەن قاشتېشى مېدالى بېرىلىدۇ.
بىرىنچىگە: 150000 يۈەن ئىككىنچىگە: 100000 يۈەن ئۈچۈنچىگە: 50000 يۈەن
4-10گىچە: 20000يۈەن 11-500گىچە: 8000يۈەن 501-800غىچە: 5000يۈەن
(500-800غىچە بولغان دەرىجىدىن 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن زاكالەت تاپشۇرغانلار مەخسۇس بەھرىمان بولىدۇ)
4. كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىدە : 10 كوللېكتىپ مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى ئونغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بىرىنچى بولغان كوللېكتىپقا بىر دانە خوتەن قاشتېشى مېدالى بېرىلىدۇ
بىرىنچى: 20000 يۈەن ئىككىنچى: 15000 يۈەن ئۈچۈنچى: 10000 يۈەن 4-10: ھەربىرى 5000يۈەن
5. چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىدە : 5 كوللېكتىپ مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى بەشكە مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ،بىرىنچى بولغان كوللېكتىپقا بىر دانە خوتەن قاشتېشى مېدالى بېرىلىدۇ
بىرىنچى: 20000 يۈەن ئىككىنچى: 15000 يۈەن ئۈچۈنچى: 10000 يۈەن 4-5: ھەربىرى 5000 يۈەن
6. كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە : 10 كەپتەر مۇكاپاتلىنىپ، ئالدىنقى ئونغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بىرىنچى بولغان كەپتەر شاھىغا بىر دانە خوتەن قاشتېشى مېدالى بېرىلىدۇ
بىرىنچى: 20000 يۈەن ئىككىنچى: 15000 يۈەن ئۈچۈنچى: 10000 يۈەن 4-10: ھەربىرى 5000يۈەن
ئالاھىدە مۇكاپات
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 18 ، 118، 218، 318، 418 دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەر بىرىگە 20مىڭ يۈەن(ئەسلىدىكى 8مىڭ يۈەن ئورنىغا بېرىلىدۇ) مۇكاپات بېرىلىدۇ .
تەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشىش شەرتى : 2023-يىلى10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن 1500 يۈەن زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرغان بۇلىشى كېرەك .
ئەگەر ماس دەرىجىدىكى كەپتەر ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى بولمىسا، مۇكاپات كىيىنكى دەرىجىگە سۈرۈپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
بەشىنچى - بانكا ھىساۋات نومۇرى :
جوڭگۇ يېزا-ئىگىلىك بانكىسى
6230 5237 0000 0407478كارتا ئىگىسى ئىسمى: ئابدۇقاھار ئەخمەتتوختى
جوڭگۇ پوچتائامانەت بانكىسى
6217 9988 0004 1187536 كارتا ئىگىسى ئىسمى : ئابدۇقاھارئەخمەتتوختى
يېزا ئامانەت قەرىزكوپراتىۋى
6212 8720 7599 0146 كارتا ئىگىسى ئىسمى : ئابدۇقاھارئەخمەتتوختى
بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىلىرى ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم كەپتەرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇل تاپشۇرغان تالوننى ئۈندىدار ياكى رەڭلىك ئۇچۇرقىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى ھەمدە تاپشۇرۇلغان ھەقنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىشى كېرەك. پۇل تاپشۇرغان تالوننى ياخشى ساقلاڭ، پۇل تاپشۇرۇش تالونى مۇكاپات تارقاتقاندا ئىسپات قىلىنىدۇ.
زاكالەت پۇلى،مۇسابىقە ھەققى قاتارلىقلارنى، كەپتەرخانىمىز تەمىنلىگەن مالىيە سېستىمىسىدا تۆلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالتىنچى -مۇسابىقە تۈزۈملىرى
1. كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مەشىقلەندۈرۈش ۋە مۇسابىقە ئىشلىرى بىردەك جۇڭگو پوچتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ‹‹ مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈش ۋە رېپېرلىق قىلىش تۈزۈمى (2019) ››بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. ھەرقېتىملىق مۇسابىقىگە خوتەن ۋىلايەتلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى، رېپىرلار گۇرۇپپىسى ۋە كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى بىرلىكتە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
3. مۇسابىقە ۋاقتىدا كەپتەرلەر تېخى ئۇۋىغا قايتماي تۇرۇپ، كومپيۇتېر ياكى باشقا ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەردە كاشىلا كۈرۈلسە، مۇسابىقە توختىتىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى قەپەزگە ئېلىنغان بارلىق كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ.
4. ئەگەركەپتەرلەر ئۇۋىغا قايتىۋاتقان، كەپتەرخانىغا كىرىۋاتقان ۋاقىتتا، كومپيۇتېر ياكى باشقا ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەردە كاشىلا كۈرۈلسە، مۇسابىقە توختىتىلىدۇ، كاشىلا كۈرۈلىشتىن بۇرۇن ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ دەرىجىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ ۋە مۇكاپاتى نەقلەشتۈرىلىدۇ، قېلىپ قالغان دەرىجىلەرنىڭ مۇكاپاتى، مۇكاپات ئېلىپ بولغان كەپتەرلەردىن باشقا قەپەسكە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ.
5. بەدەن قىزدۇرۇش مۇسابىقىسى ۋە تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى مۇسابىقەكۈنى قۇياش پاتقاندىن كىيىنكى يېرىم سائەتكىچە بولىدۇ، ئەگەر شۇ كۈنى دەرىجەتوشمىسا، ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ دەرىجىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ ۋە مۇكاپاتى نەقلەشتۈرىلىدۇ، قېلىپ قالغان دەرىجىلەرنىڭ مۇكاپاتى، مۇكاپات ئېلىپ بولغان كەپتەرلەردىن باشقا قەپەسكە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ.
6. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈنۈملۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئىككى كۈن، قەپەس ئېچىلغان ئىككىنچى كۈنى قۇياش پاتقاندىن كىيىنكى يېرىم سائەتكىچە ، ئەگەر شۇ كۈنى دەرىجە توشمىسا، ئىككىنچى كۈنى داۋاملىق دەرىجە ھىسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۈنۈملۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە دەرىجە يەنىلا توشمىسا، ئىناۋەتلىك دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرىلىدۇ، قېلىپ قالغان دەرىجىلەرنىڭ مۇكاپاتى، مۇكاپات ئېلىپ بولغان كەپتەرلەردىن باشقا قەپەسكە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھىملاش چاپلىقى ئىشلىتىلىدۇ، ھىملاش چاپلىقى مۇكەممەل بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ، ئەگەر ھىملاشچاپلىقى يىرتىلغان، ئاجراپ كەتكەن، بۇزۇلغان بولسا شۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، نەتىجە سۈرۈلىدۇ.
7.مۇسابىقە جەريانىدا ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان مۇقىمسىز ئامىللار كۆپ بولغاچقا، دەرىجىگە ئېرىشكەن ياكى كىچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەردە ئۆلۈش، يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىگىسىگە بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر قىلىنىدۇ، ئاممىۋى كەپتەرخانا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
يەتتىنچى -مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش، باشقۇرۇش چارىسى
1.ھەرقېتىملىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كەپتەرلەرنىڭ ياخشى مۇسابىقە ھالىتىنى ساقلىشى ئۈچۈن، ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز مۇسابىقىدىن قايتىپ كەلەگەن كەپتەرلەرگە مۇۋاپىق مىقتاردا ئۆگزە مەشىقى ۋە يول مەشىقى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ جەرياندا كەپتەرلەر يۈتۈپ كەتسە، لەيلەپ كەتسە ياكى زەخمىلەنسە ، تەبىئىي شاللانغان بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، كەپتەرخانىمىز تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
2. ئۈچۈنچى ئۆتكەل ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەردىن سىرت، ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرسانى 600 دىن ئاشسا، ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز ئالاھىدە ئۆتكەل قوشۇپ ئويناش مۇسابىقىسى تەسىس قىلىدۇ، دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەردىن باشقا بارلىق كەپتەرلەربىردەك بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تۆلەش ئىختىيارى بولىدۇ، ھەق تۆلىمەي قاتناشتۇرۇلغان كەپتەرلەرگە دەرىجە ھىسابلانمايدۇ،مۇكاپات بېرىلمەيدۇ ھەمدە كىمئارتۇققا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. مۇكاپاتى كەينىگەسۈرۈلىدۇ. تەپسىلىي مۇسابىقە قائىدىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىن كىيىن توردا ئېلان قىلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگزە مەشىقى ۋەقىسقا ئارىلىق يول مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ جەرياندا يۈتۈپ كەتسە، ئاممىۋى كەپتەرخانا مەسئۇل بولمايدۇ.
3. باچكىلاركەپتەرخانىمىزغا يىتىپ كەلگەندىن كىيىن دىزىنفىكسىيەلىنىپ، كۈزىتىش رايونىدائايرىم بېقىلىپ، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كىيىن چوڭ توپقا يۆتكىلىدۇ. ئەگەر بۇجەرياندا كەپتەرلەرنىڭ ساغلام ئەمەسلىكى بايقالسا، كەپتەر ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ،كەپتەرلەر قايتۇرۇلىدۇ.
4. ئۆگزە مەشىقى، يول مەشىقى ياكى مۇسابىقە مەزگىلىدە كەپتەرلەردىكى ئېلىكتىرونلۇق ھالقا نورمال ئىشلىمىسە، كەپتەرخانىمىز ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ۋە توردا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
توققۇزىنچى -مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە كېچىكىپ قايتقان كەپتەرلەرنى بىتەرەپ قىلىش چارىسى
1. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپاتلاش يېغىنى ۋە كىمئارتۇق يېغىنى ۋاقتى بېكىتىلىدۇ. ئەگەردە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى نەق مەيدان كىمئارتۇق يېغىنى ئېچىش مۇمكىن بولمىسا، نەتىجىگە كىرگەن مۇسابىقە كەپتەرلىرى توردا كىمئارتۇق قىلىنىدۇ.
2. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن بارلىق كەپتەرلەر كىمئارتۇق يېغىنىغاقاتناشتۇرۇلىدۇ، بىرىنچى بولغان كەپتەرنىڭ باشلىنشى باھاسى 20 مىڭ يۈەن،ئىككىنچى بولغان كەپتەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 15 مىڭ يۈەن، ئۈچۈنچى بولغان كەپتەرلەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 10 مىڭ يۈەن بولىدۇ، 4-10 دەرىجىگىچە باشلىنىش باھاسى 3000 يۈەن بولىدۇ. 11-500 دەرىجىگىچە باشلىنىش باھاسى 1000يۈەن. سېتىش سوممىسىنىڭ70% كەپتەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، 20%ئاممىۋى كەپتەرخانا ئالىدۇ،10%تەشكىللەش چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.
3. كىم ئارتۇق سودىسىدا باشلىنىش باھاسىدا قالغان كەپتەرلەرنى، كىم ئارتۇق سودىسى ئاخىرلىشىپ بىرھەپتە ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى باشلىنىش باھاسىنىڭ 30% سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەتسەبولىدۇ.
4. مۇسابىقىدەنەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى كىچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى، كىم ئارتۇق سودىسى يېغىنىدىن كىيىنكى ھەپتە ئىچىدە، كەپتەر ئىگىسى پۇل تاپشۇرغان تالون ياكى كىملىكىنى تەمىنلەپ كەپتەرنى ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. كەپتەر ئىگىلىرى كەپتەرلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ كەتمىسە، كەپتەرلەر بىردەك ئىگىسىزھىسابلىنىپ، كەپتەرخانا تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
ئونىنچى - باشقا چۈشەندۈرۈشلەر
1.ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ ئۇچۇق ، ئاشكارە ، ئادىل بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
2. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان پۇلىنىڭ ئالاقىدار باجلىرىنى كەپتەر ئىگىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
3. كەپتەر يىغىلغاندىن باشلاپ مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملىرى ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كېسەللىك، ئاپەت ياكى قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قېلىپ، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە ئامال بولمىسا، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن مۇسابىقىنى بىكار قىلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1200 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، شەكىللىنىپ بولغان 300 يۈەن بېقىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەرخانىسىغا تەۋە .
خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەرخانىسى(ئەتىيازلىق) |