ھۆرمەتلىك كەپتەرخانىمىزنىڭ ئەزالىرى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلار، تىنچلىق تۇرۇپسىلەر!
كەپتەرخانىمىز 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كەپتەر قۇبۇلقىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە، ھەرقايسى رايونلاردىكى كەپتەرھەۋەسكارلىرى ۋە ۋاكالىتەن يىغىش ئورۇنلىرىدىكى دوستلارنىڭ قىزغىنقوللىشىغا ئېرىشىپ، بۈگۈنگىچە يىغىلغان مۇسابىقە كەپتەر سانى 10500 دىنئاشتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىكنىڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقەكەپتەرخانىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە ئىشەنچىسىگە رەھمەتئېيتىمىز.
كەپتەرداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەمدە مۇسابىقەكەپتەرلىرىنىڭ بىرتۇتاش بېقىش باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنىكۆزدە تۇتۇپ، 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلارنىڭ كەپتىرىنى قۇبۇل قىلىشنى توختاتماقچى، كەچ سائەت 10دىنكېيىن ھەرقانداق يېڭى نام بىلەن كەپتەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
كەپتەر تولۇقلاش ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى
گۇرۇپپا تولۇقلىماقچى ياكى ئۆلگەن كەپتەر ئورنىغا كەپتەر تولۇقلىماقچى بولغانلار مۇشۇ ۋاقىتقىچە تولۇقلاۋالساڭلار بولىدۇ
5 كەپتەر بىر كىچىك گۇرۇپپا، 15 كەپتەر بىر چوڭگۇرۇپپا 3 كىچىك گۇرۇپپا بولىدۇ، كەپتەر يىغىش توختىغان كۈندىكى سان ھېساببولىدۇ كەپتەر يىغىش توختىغاندىن كېيىن باشقا نامدىكى كەپتەرلەرنىيۆتكەشكە، بىرلەشتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ.
كەپتەر يىغىش مەزگىلى ۋاقىت قىسقا خىزمەتلەر ئالدىراشبولغانلىقتىن ئۇچۇرلارنى كومپىيۇتېرغا تىزىملاش جەريانىدا كەپتەرداشلارنىڭئىسىم-فامىلىسى، زاكەلەت تاپشۇرۇش ئەھۋالى كەپتەرنىڭ رەڭگى، سانى، رايونئادرېسى، قاتارلىقلاردا خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەم بەزىكەپتەرداشلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىككى بولغانلىق سەۋەپتىن ئوخشاش بىرئادەمنىڭ ئەۋەتكەن كەپتىرى ئىككى كاتەك نومۇرىغا كىرىپ قېلىش، ياكى كەپتەرباشقا كاتەك نومۇرىدا زاكالەت پۇلىسى باشقا كاتەك نومۇرىغا تۆلىنىپ قېلىشئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدىكەن. شۇڭلاشقا كەپتەرداشلار تورغا يوللانغانئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.
ئەگەردە خاتالىق بايقالسا ۋاقتىدا تۆۋەندىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۈزىتىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن مۇسابىقىگەقاتنىشىشتا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مۇكاپاتئېلىشىڭىزغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسىم ئىشلەتمىگەنكەپتەرداشلار ۋاقتىدا كەپتەرخانىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرلارنىتولۇقلاپ قويۇشلىرىنى سورايمىز.
زاكالەت پۇلى 2380 يۈەن تاپشۇرۇش ۋاقتى كەپتەريىغىش ئاخىرلىشىپ 10كۈنگىچە بولىدۇ، 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى زاكالەتتاپشۇرۇش توختىتىلىدۇ، تاپشۇرۇلغان زاكالەت پۇل 130كىلومېتىرلىق مەشىقتىنكېيىن بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقە پۇلىغا ھېساب بولىدۇ. ئەگەردە ھەق ئېلىشبېكىتىدە نامىدا كەپتەر قالمىغان بولسا تاپشۇرغان پۇل ئەسلى يولى بىلەنقايتۇرۇلىدۇ.
(ئۈندىدار ئورتاق)




