مۇھىم ئۇقتۇرۇش:
1‑ بۇ قېتىم قەپەزگە كۆندۈرۈش ماسلاشتۇرۇش مەشىقى بولۇپ، نەتىجە ھېسابلانمايدۇ، قىسقا ئۇچۇر يوللانمايدۇ. ئەگەردە ھاۋارايى ئۆزگىرىشى بولسا باشقا كۈنگە ئۆزگەرتىلىدۇ.
2‑بۇ قېتىمقى قىسقا ئارىلىق مەشىق بولغاچقا كەپتەرلەر بىراقلا كۆپ مىقداردا كىرگەچكە، سىكانېرلانماي قېلىش، ئېلېكترونلۇق ھالقا بۇزۇلۇش، ياكى كەپتەرنىڭ لەيلەپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، سىكانېرلاش سانلىق مەلۇماتى پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئەڭ ئاخىردا بىردىن بىر تۇتۇپ ئېنىقلاپ قەپەزگە چىققان كەپتەر ھېساب بولىدۇ.
3‑قايتىش ئۇچۇرى نەق مەيدان تور ئادرېسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ، قىسقا ئۇچۇر يوللانمايدۇ، ئەزالارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز!
دوسلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئېلىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمىز !